UYGUR TV

25/11/2022 خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىشى داۋاملاشماقتا

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىشى داۋاملاشماقتا يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشىكنى تاقاپ ئائىلىگە قاماپ ئاچ قويۇش، داۋالىماي قىيناش قىلمىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسى ئىچىدە، شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىغا تەسىر قىلغان بولۇپ، خىتاي ئاققۇنلىرى 9-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىشقا باشلىغان. د ئۇ ق ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينى جازالاش سېپىگە قوشۇلۇشقا چاقىردى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ، ئاۋسترالىيە پايتەختى كامبېرا شەھىرىدىكى پارلامېنتتا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا كۆپ ساندا مۇخبىر ئىشتىراك قىلغان. مالايسىيادا ئەنۋەر ئىبراھىم باش مىنىستىر بولدى مالايسىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ شاھ 15 – ئومۇمىي سايلامدىن كېيىن ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋەزىپىسىنى پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ۋەكىللىككە ئېرىشكەن ئۈمىد ئىتتىپاقى رەھبىرى ئەنۋەر ئىبراھىمغا بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، ئەنۋەر ئىبراھىم ئەپەندى رەھبەرلىكىدىكىABIM ، GPM قاتارلىق مالايسىيا تەشكىلاتلىرى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مالايشىيادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىماقتا. شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە ياردەم ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھارىس 22-نويابىر خىتاينىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى دۆلەتلەرنى زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە يول يۈرۈش ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان. ھارىس سۆزىدە خىتاينى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا قورقۇتۇش ۋە مەجبۇرلاشقا دۇچ كەلگەن شەرتنامە ئىتتىپاقدىشى فىلىپپىننى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئاتالمىش نۆل كوۋىد سىياسىىتنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا چاقىردى. ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ توختاپ قېلىشى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنىڭ تارىيىشى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە كۆرسىتىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەيئىتى تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى خىتاي خەلق تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چيەن خوڭشەن باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 17-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن زىيارەتتە بولغان. ھەيئەت زىيارىتى جەريانىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 11-نۆۋەتلىك سىياسىي پارتىيەلەر يىغىنىغا قاتناشقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۆلەت تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ۋەكىللىرى بۇ جەرياندا تۈركىيەنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغان ھەيئەت، ئاق پارتىيە قاتارلىق بارلىق سىياسى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur