كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ئۆتكەن يىلى 24-نويابىر كەچتە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان «جىشىياڭيۈەن» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، ئاز دېگەندە 40 كىشى ئۆلۈپ كېتىشتەك پاجىئە يۈز بەرگەنىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوت ئاپىتىدە ئوت 15-قەۋەتتىن باشلىنىپ 19-، 20-قەۋەتلەرگىچە تۇتاشقان. ئوت 3 سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا ئاران ئۆچۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئەينى ۋاقىتتا بۇ پاجىئەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى «ئون كىشى» دەپ ئېلان قىلغانىدى. ھالبۇكى، ۋەقەدە ئائىلىسى بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 44 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامال سىياسىتىگە قارشى نامايىشلارنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققان. نامايىشلار تېزدىن كېڭىيىپ «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» گە ئايلانغان؛ بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە قامال چەكلىمىسىگە، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار يۈز بەرگەن. بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلاتلار بايانات ئىلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ ئاپەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشقا چاقىردى ۋە خىتاينىڭ بۇ ۋەقەدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى كۆمۈر كان تۈرىنى تەستىقلىغان خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتكەن بولۇپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن ئىككى كۆمۈر كان تۈرىنى تەستىقلىغان. خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ 21-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن ئىككى كۆمۈر كان تۈرىنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئۇلار كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى ۋە يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى ئىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، كېبۇر شور كان رايونى 12-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئورنى توقسۇن ناھىيەسى بوشېڭ كۆمۈر كانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە ئىكەن. يېڭىسار كان رايونى كاداش رايونى 1-نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇپ، قۇرۇلۇش ئورنى بۈگۈر ناھىيەسىدە ئىكەن. ئامېرىكا تاموژنىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى ئامېرىكا تاموژنىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 22-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئايدا مالايشىيا ۋە ۋىيېتنامنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ۋە مىكرو ئۆزەكلىرىنى ئاساس قىلغان 74 مىليون دوللارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى رەت قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلارنىڭ بار-يوقلۇقى تەكشۈرۈلمەكتىكەن. 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ئىجرا قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشى توغرىسىدا تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە يولغا قويغانىدى. خىتاي بىلەن روسىيە قىرىم تونېل قۇرۇلۇش تۈرىنى مەخپىي مۇزاكىرە قىلغان رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن قىرىم تونېل قۇرۇلۇش تۈرىنى مەخپىي مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 24-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار خىتاي ۋە رۇسىيە سودا ئورگانلىرى مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سۆھبەتتە رۇسىيەنى قىرىمغا تۇتاشتۇرىدىغان دېڭىز ئاستى تونېلى ياساش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ سۆھبەت رۇسىيەنىڭ كېرىك بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان 18 كىلومېتىر كېلىدىغان كۆۋرۈكنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆۋرۈك يېقىندا ئۇكرائىنا تەرىپىدىن ئىككى قېتىم بومباردىمان قىلىنغان. نۆۋەتتە بۇ كۆۋرۈك ئۇرۇشتا ئاسانلا ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى مەھبۇس ئالماشتۇرۇش داۋاملىشىدۇ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە، بۈگۈن 42 پەلەستىنلىك ۋە 14 ئىسرائىلىيەلىك مەھبۇس قويۇپ بېرىلىدۇ. باياناتقا ئاساسلانغاندا، خاماس بۈگۈن يەنە 14 ئىسرائىلىيەلىك مەھبۇسنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى 42 پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدۇ. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur