UYGUR TV

25/5/2023 خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازلىرىنى قورغاس ئارقىلىق خىتايغا توشۇماقتا

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر 1. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يېڭى قۇرۇلغان خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئالاھىدە كومىتېت پارلامېنتىقا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە ھەرىكەت قوللىنىش تەكلىپى بەردى. خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر كومىتېت 24-ماي ئىككى تۈرلۈك قارار ماقۇللىغان بولۇپ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىقلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگ قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەكلىپى بېرىلگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن توقۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈمىد قىلىنغان. بۇ كومىتېت ئەزالىرى ئاغزاكى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق بۇ ئىككى دوكلاتنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر كومىتېت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى ماقۇللانغان ھۆججەتلەر ئىكەن. بۇ كومىتېت ئوتتۇرىغا قويغان تەۋسىيەلەر ئىچىدە، خىتاي پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق دەپ قارالغان جازا قارارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كومىتېت يەنە مەجبۇرىي ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قانۇنلارنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلىدى. كومىتېت ئەزالىرى ئۇلارنىڭ بىر قىسىم تەۋسىيەلىرىنىڭ بۇ يىل قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى پاختا ۋە تەييار كىيىملەردىلا ئەمەس، بەلكى ھەر ساھەدە مەۋجۇت ئەنگىلىيەدىكى خېلېنا كېننىدى مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كەڭ ئېتىراپ قىلىنغان پاختا، پەمىدۇر ۋە پولىسسىكون ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەتقىقاتتا كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلغار تىرىشچانلىق ئىستراتېگىيىسى ۋە سېتىۋېلىش كېلىشىمنامىسىنىڭ لازىملىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. خېلېنا كېننىدى مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەكلىرىنى سىستېمىلىق ئىشلىتىشى شەرقىي تۈركىستان بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ھەرقايسى كەسىپ ۋە رايونلارغا كېڭەيدى» دېيىلگەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئاخبارات ۋە ئىلمىي دوكلاتلار كونكرېت ساھەگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش داۋاملاشماقتا. 3. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازلىرىنى قورغاس ئارقىلىق خىتايغا توشۇماقتا خىتاي رېجىمى خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى يىغىنىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىقلارنى ئورناتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق مۇقىم ھالدا خىتايغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا كېلىشكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلغان تەبىئىي گازنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈپ، ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 2 - ۋە 3 - لىنىيەسى ئارقىلىق خىتاينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك جايلىرىغا يەتكۈزىدىكەن. 4. خىتايدىكى ھەر بەش ياشنىڭ بىرى ئىشسىز خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئىلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 4-ئايدا، خىزمەت ئىزدەۋاتقان 16-24 ياش ئارىسىدىكى ياشلارنىڭ% 20.4 ى ئىشسىز قالغان. بۇ خىتاينىڭ 2018-يىلى بۇ خىل ستاتىستىكىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسى ئىكەن. 5. خىتاي گوللاندىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق «كۆۋرۈك» بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ گوللاندىيەنىڭ يەر شارىلىشىش ۋە ئەركىن سودىدىن نەپ ئالىدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى «كۆۋرۈك» رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، چىن گاڭ بېيجىڭدا خىتاينى زىيارەت قىلغان گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋوپكې خوكسترا بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي ۋە گوللاندىيەنى «ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى بۇزۇش» ۋە «تەمىنلەش زەنجىرىنى قىسقارتىش» ئارقىلىق خەلقئارا سودىنى پارچىلاش ئۇرۇنۇشىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. 6. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى ياپونىيە ھۆكۈمىتى 23-ماي يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ تەدبىرگە نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي ئالاقە تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 23 خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئۈسكۈنىسىگە قارىتىلغان ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ چەكلەش دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ياپونىيەگە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكسپورت قىلىشنى باشقۇرۇش تەدبىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئەركىن سودا ۋە خەلقئارا ئىقتىساد سودا قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur