كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر روشەن ئابباس: ئىنسانىيەت يەنە بىر قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىنىقىغا دۇچ كەلدى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە رەئىسى روشەن ئابباس ھىنكلېي ئىنستىتۇتىدا شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ چىراي تونۇش ۋە ھېسسىياتنى بايقاش تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى جەمئىيەت ۋە ئائىلىدە قانداق نازارەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللار ئۇچراۋاتقان خورلۇقلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلسى ئۈستىدە توختالدى. روشەن ئابباس ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، «ئىنسانىيەت تارىخى يەنە بىر قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىنىقىغا دۇچ كەلدى» دېدى. خىتاي سانجىغا يەنە بىر ئايرودۇرۇم سېلىشنى پىلانلىغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى خىتايغا يۆتكەشنى تېزلىتىش ۋە خىتاي ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ ئەكېلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىنى داۋاملىق كۆپەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ جۈملىسىدىن سانجىغا تەۋە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا يېڭى ئايرودۇرۇم سېلىشنى پىلانلىغان. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي جۇڭغار ۋۇسەيۋەن ھەممىباب ئايرودۇرۇمى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋۇسەيۋەن ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بازىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ 2030-يىلى تاماملىنىشى مۆلچەرلەنگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارى خىتاي بىلەن بولغان رىقابەت ھەققىدە توختالدى ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كومىسسارى ۋالدىس دومبروۋىسكىس خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئادىل رىقابەت ئورنىتىشتا تېخىمۇ قەتئىي بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دومبروۋىسكىسنىڭ زىيارىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ئېلېكتىرلىق ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساھەلەردە سودا جىددىيلىكىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. خىتاي ئارمىيىسى تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى دۇڭشەن ئارىلى ۋە دەنچىڭ قولتۇقى ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىدى خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى يىنچۈەندە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى يەرمەنكىسىدە 23 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سېلىش ۋە سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان. ئىگىلىنىشچە، يەرمەنكىدە دېھقانچىلىق، سودا، ئېنېرگىيە، تېخنىكا ۋە يېشىل ئۆزگەرتىش قاتارلىق 400 دىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالانغان. فرانسىيە نىگېردىن باش ئەلچىسى ۋە ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون 7-ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھەربىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان نىگېردىكى باش ئەلچىسىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەت بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur