UYGUR TV

26/09/2022 ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا 5 ماددىلىق تەلەپ خېتى سۇندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا 5 ماددىلىق تەلەپ خېتى سۇندى ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ۋەكىللىرى ۋە سىدنېيدىكى ئۇيغۇرلار 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدىكى 9 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ۋە تەلەپ خېتى سۇنغان. ئاۋسترالىيەدىكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇندىن كېيىن بەزى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قارار لايىھەسى سۇنۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن. ھازىرغىچە، ئامېرىكا، كانادا ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلدى. «شانلىق تارىخىمىز، ئېچىنىشلىق رېئاللىقىمىز ۋە چىقىش يولىمىز» ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 25-سىنتەبىر يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «شانلىق تارىخىمىز، ئېچىنىشلىق رېئاللىقىمىز ۋە چىقىش يولىمىز» ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىنغا ھەر ساھەدىن كۆپلىگەن كىشى قاتناشقان بولۇپ، ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىي رەئىسى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، ئۇيغۇر دىنىي ئۆلىما ۋە پائالىيەتچىلەردىن ھەبىبۇللاھ كۈسەنى ۋە مەخمۇتجان داموللام قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزلىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخى ۋە بۈگۈنكى خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى ئېچىنىشلىق رېئاللىقىمىزغا نەزەر سېلىش بىلەن بىرگە، بۇ زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش يوللىرى ھەققىدە پىكىر ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا تەكلىپ بېرىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىلىرىنى ياخشىلاشقا تەۋسىيە قىلغان. ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى «خاتا ئۇچۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس. دوكلات خىتاينى باستۇرۇشنى خالايدىغان بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي قورالى» دەپ بىلجىرلىغان. گېرمانىيە تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ تۈرلۈك سىياسىتىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى كۈنسېرى خىتايلارغا پايدىلىق قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سىستېمىلىق باستۇرۇلغانلىقى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەن. خىتاي: ئالجىرىيەنىڭ «برىكىس» ئەزاسى بولۇشى قوللايمىز خىتاينىڭ ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يازما باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77-قېتىملىق ئومۇمىي مەجلىس يىغىنى جەريانىدا نيۇ-يوركقا كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامتان لامامرا بىلەن كۆرۈشكەن. ۋاڭ يى كۆرۈشۈشتە خىتاي تەرەپنىڭ ئالجىرىيەنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاڭ يەنە ئالجىرىيەنىڭ ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ۋە بۇ دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەرەب ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ غەلىبىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زېلېنسكىي: ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلدى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكا تەمىنلىگەن يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى «NASAMS»نىڭ ئۇكرائىناغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. زېلېنسكىي CBS خەۋەرلىرىدە مارگارېت برېنناننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇكرائىنا-روسىيە ئۇرۇشىدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur