كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى كۆرۈلۈشكە باشلىدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2020-يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغانىدى. ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى مەزكۇر ئەرزنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە نەتىجىدە سوتنىڭ 2022-يىلى 25-ئۆكتەبىردە ئېچىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەنىدى. تۈنۈگۈن يەنى 25-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ داۋا ئەنگلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىدە كۆرۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان «يەرشارى قانۇن ھەرىكەت تورى» ناملىق قانۇنچىلىق مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرى ئەنگلىيە ئالىي سوتىغا يېتىپ كېلىپ سوتقا قاتناشتى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توخى 8 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدە خىتاي سوتىدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە 2014-يىلدىن باشلاپ تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى تۈنۈگۈن 53 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزدى. «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» بۇ كۈندە مەخسۇس بايانات ئىلان قىلىپ دۇنياغا چاقىرىق قىلدى. باياناتتا: «ئىلھام توختى تەشەببۇسى ھەرىكىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختىنىڭ 53 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى چوڭقۇر قايغۇ، تەشۋىش ۋە ھەسرەت بىلەن خاتىرىلەۋاتىمىز. چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئاساسىي ھوقۇقى ئۈچۈن ھاياتىنى، ئائىلىسىنى، مال-مۈلۈكلىرىنى، ئورنىنى، ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلدى» دېيىلدى. خىتاي شولزنىڭ زىيارىتىنى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكىغا قارشى ھەمكارلىق پۇرسىتى دەپ قارايدۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ نويابىرنىڭ بېشىدا خىتايغا پىلانلىغان زىيارىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك رىقابىتىدىكى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پۇرسىتى دەپ ئىزاھلاندى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نەشرىيات ئورگىنى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە، شولزنىڭ زىيارىتىنىڭ گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن تېخىمۇ يېقىن دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قازاقىستاندا جۇمھۇرىيەت كۈنى تەبرىكلەنمەكتە بۇ يىل قازاقىستان 13 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى. قازاقىستاندا ئۈچ كۈنلۈك ئاممىۋى دەم ئېلىش كۈنى ئېلان قىلىندى ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. 10-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى كوچا، ئۆي، قەھۋەخانا ۋە رېستورانلار كۆك بايراقلار بىلەن بېزەلدى. زېلېنسكىي گېرمانىيەدىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بار باشقا مۇداپىئە قوراللىرىنى تەلەپ قىلدى ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا پويىز بىلەن كېچىلەپ يېتىپ كەلگەن گېرمانىيە پرېزىدېنتى فرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر بىلەن كۆرۈشتى. زېلېنسكىي گېرمانىيەدىن تېخىمۇ كۆپ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ دۆلىتىگە ئېلىپ كېلىنىشىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ۋە باشقا مۇداپىئە قوراللىرىنىڭمۇ تەمىنلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئېھتىياج بولمىغانلىقى سەۋەبلىك iPhone 14 Plus ئىشلەپچىقىرىش ئازايتىلىدۇ بىر بازار تەتقىقات شىركىتىنىڭ ئىلان قىلىشىچە، ئوتتۇرا تىپتىكى ئايفونغا بولغان ئېھتىياجنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئالما شىركىتى iPhone 14 Plus نىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قىسقارتقان ۋە تېخىمۇ قىممەت بولغان iPhone 14 Pro نىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur