UYGUR TV

26/5/2023 خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئارقىلىق ئۆز سىياسىتىنى تەشۋىق قىلماقتا

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر 1. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئارقىلىق ئۆز سىياسىتىنى تەشۋىق قىلماقتا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» غا كېلىپ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» لېكسىيەسى بەرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۈسۈپجان مەمەت زالدىكى ئوقۇغۇچىلارنى «20-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئارقىلىق ‹يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى› قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇش، شۇنداقلا «ئۇلۇغ دەۋردىن مىننەتدار بولۇش، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە مەھكەم ساقلاش» قا چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر ۋاقىت «پارتىيە خاتىرجەم بولسۇن، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا مەن بار» دېيەلەيدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئېلزات ئەخمەتجان باشلاپ بارغان ئۆمەك «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكوم مەكتىپى»دە ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس لېكسىيە بەرگەن. 2. يەتتە دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنى نائۈمىدتتە قويدى خىروشىماغا جەم بولغان G7 رەھبەرلىرى تقبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخىرقى باياناتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. 7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باياناتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە پەقەتلا: «بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتتىكى دىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىمىزنى داۋاملىق بىلدۈرىمىز» دېيىلدى. ئۇيغۇر ھەرىكىتى بۇ ھەقتە ئىلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «گەرچە بۇ مەسىلىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆرۈش كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بايانات بىز كۈتكەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈچلۈك ۋە ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتكە ئۆتۈش تەلىپىمىزدىن تولىمۇ يىراق». 3. خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى: رايوننى قەرز تۇزىقىغا ئىتتىرىش خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىغا يېڭى كۈچ قوشۇش تىرىشچانلىقى دەپ قارالغان خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى بۇ رايوننى قەرز تۇزىقىغا ئىتتىرىشكە پۇختا ئاساس سالدى. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بايلىق مەنبەسى مول ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئۇل ئەسلىھە تەرەققىياتى ئۈچۈن 26 مىليارد يۈەن يېڭى قەرز ۋە ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، 2022-يىلىغا كەلگەندە، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ رېكورت يارىتىپ، 70 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىر بەلۋاغ بىر يول دائىرىسىدە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا بېرىلگەن قەرز بۇ دۆلەتلەرنىڭ GDP سىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن. 4. خىتاي ئۇكرائىنا بېسىمىغا قارىماستىن روسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى روسىيەگە بولغان تەسىرىنى ئىشلىتىپ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلىۋاتقان پەيتتە، خىتاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئىستراتېگىيىلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ موسكۋاغا داۋاملىق يېقىنلاشتى. روسىيە باش مىنىستىرى مىخايىل مىشۇستىن 23-24-ماي كۈنلىرى ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا كەلدى. مىشۇستىن «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار» بولۇپ قالدى. مىشۇستىن زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى شاڭخەيگە بارغان بولۇپ، ئىككىنچى كۈنى پايتەخت بېيجىڭدا لى چياڭ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. 5. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بېلورۇسىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن تاكتىكىلىق يادرو قورالى كېلىشىمىنى ئەيىبلىدى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مات مىللېر بېلورۇسىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن تاكتىكىلىق يادرو قورالى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋە بېلورۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋىكتور خرېنېن تۈنۈگۈن بېلورۇسىيەدە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويغان ئىدى. 6. خىتاي ۋە روسىيە ئىنتېرپولنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى سۈيئىستىمال قىلغان خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، ئىنتېرپول خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە يول قويغانلىقى سەۋەبلىك تەنقىدلەندى. ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەننىڭ 2021-يىلى ماراكەشتە تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىمۇ خىتاي بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئىنتېرپول خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك، ئىدرىس ھەسەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur