UYGUR TV

27/09/2022 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەدە پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ياپونىيەدە پائالىيەتلىرىنى باشلىدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە لاگېر شاھىتلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ ياپونىيەدىكى زىيارىتى باشلاندى. مەركىزى ۋاشىنگتوندا بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دېرىكتورى ئۆمەر قانات مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن 25-سېنتەبىر باشلانغان ياپونىيە زىيارىتىمىز ياپون ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشى بىلەن باشلاندى» دېدى. نيۇ-يورك ۋە ستوكھولمدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە يېقىنقى ئايلاردا «نۆل كوۋىد» باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆيىدە ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلىش سىياسىتىگە قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يورك بىناسى ۋە شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ يىغىنى داۋاملاشقاندا نيۇ-يوركقا يىغىلغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرىنى ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىردى. ترابزوندا ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى تۈركىيەنىڭ ترابزون شەھىرىدە ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇنداق دېدى: «بىز 25-سېنتەبىر ترابزون ئالپەرەن ئوجاقلىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزدۇق. ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان!». ئامېرىكا ۋە كورېيە ئاۋىئاماتكىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ۋە كورېيە دېڭىز ئارمىيىسى كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدا ھەربىي مانېۋىر باشلىغان. كورېيە دېڭىز ئارمىيىسى باياناتىدا، مانېۋىرغا ئىككى تەرەپتىن يادرو ئېنېرگىيىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان USS رونالد رېگان ئاۋىئاماتكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق ئۇرۇش پاراخوتى، شۇنداقلا ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە تىك ئۇچارنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. تۆت كۈنلۈك مانېۋىر «ئىتتىپاقداشلارنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىلدى. ياپونىيەلىك دىپلومات رۇسىيەدە جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلدى روسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FSB) ياپونىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتىكى كونسۇلى موتوكى تاتسۇنورىنى «تارقىتىش چەكلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن» دەپ ئەيىبلەپ قولغا ئالدى. فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى باياناتىدا: «ياپونىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتىكى كونسۇلى موتوكى تاتسۇنورى پۇل بېرىش بەدىلىگە روسىيەنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ۋە غەربنىڭ جازا سىياسىتىنىڭ پىرىمورسكىي رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مەخپىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىۋاتقاندا قولغا ئېلىندى» دېيىلدى. قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان چېگراسىنى ئايرىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالاندى قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرانى ئايرىش توغرىسىدا بىرلەشمە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقى ئېلان قىلىندى. قىرغىزىستان ھۆكۈمەت ئاخبارات مەركىزىنىڭ باياناتىدا، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى چېگرا ئايرىش ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پايتەخت بىشكەكتە بىر يەرگە جەم بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يۈسۈپ قەراداۋى بۈگۈن دوھادا دەپنە قىلىنىدۇ 96 ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى مىسىرلىق ئالىم يۈسۈپ ئەل قاراداۋى بۈگۈن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا مېيت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، ھاياتى بويىچە ئىلمىي تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك يىغىن، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ۋە ئىلمىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقان ئالىم يۈسۈپ ئەل قاراداۋى، 170 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur