UYGUR TV

27/11/2023 خىتايدىكى يېڭى يۇقۇم ھەققىدە ئەندىشە كۈچەيمەكتە

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتايدىكى يېڭى يۇقۇم ھەققىدە ئەندىشە كۈچەيمەكتە خەلقئارا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمىي جەمئىيىتى نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدا پەسىل خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىدىن باشقا، تېخى دىياگنوز قويۇلمىغان سىرلىق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ بالىلار ئارىسىدا تارقىلىۋاتقان بولۇپ، بېيجىڭ ۋە لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى بالىلار دوختۇرخانىلىرىدا كېسەللەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كىشىلەرنى تەدبىر قوللىنىپ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىشقا چاقىرغان ۋە خىتاي ئورگانلىرىدىن بۇ كېسەلگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سىرلىق كېسەل كۆرۈلگەن رايونلاردا مەكتەپلەر تاقالغان بولۇپ، كېسەللىك ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ كۆرۈلگەن. جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي جىددىيلىك ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەربىي جىددىيلىك يۈز بەردى. خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ خئارلېي بۇرك دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى USS Hopper نىڭ «دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا تەرەپ بولسا، پاراخوتنىڭ «خەلقئارا قانۇن ۋە يول باشلاش ئەركىنلىكى» دائىرىسىدە خەلقئارا قانۇن بويىچە پائالىيەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. روسىيەدىن خىتايغا تەبىئىي گاز توشۇش رېكورتى يارىتىلغان روسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلغۇچىسى بولغان گازپروم شىركىتى 25-نويابىر سىبىرىيە ئېلېكتر تۇرۇبىسى ئارقىلىق خىتايغا گاز يەتكۈزۈشتە يېڭى رېكورت يارىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شىركەت يەنە 23-نويابىرمۇ خىتايغا كۈندىلىك گاز توشۇش رېكورتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيەنىڭ ياقۇتيىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى كايان رايونىدىن سىبىرىيە قۇۋۋىتى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق خىتايغا گاز توشۇش 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان. ياپونىيە بىلەن خىتاي «ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى ئورنىتىش» ئۈچۈن تىرىشىدۇ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كامىكاۋا يوكو بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كورىيەنىڭ بۇساندا ئۆتكۈزۈلگەن كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، مىنىستىرلار يىغىن جەريانىدا، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىشقا قوشۇلغان. ئىسرائىلىيە باش شىتاب باشلىقى «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن» غەززەگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تەستىقلىغان ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھېرزى ھالېۋىنىڭ تۆت كۈنلۈك «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش»تىن كېيىن غەززە رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇم پىلانىنى تەستىقلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياخۇمۇ تۈنۈگۈن غەززەنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي قىسىملارنى زىيارەت قىلىپ، ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بەردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur