UYGUR TV

27/5/2023 كورىيەدىن خوڭكوڭغا بارغان ئۇيغۇر ياش غايىب بولغان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر 1. كورىيەدىن خوڭكوڭغا بارغان ئۇيغۇر ياش غايىب بولغان كورىيەدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان خوڭكوڭغا دوستىنى كۆرۈشكە كەلگەنچە يوقاپ كەتكەن. ئۇ ئاخىرقى قېتىم 10-ماي دوستىغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ خوڭكوڭغا كەلگەندىن كېيىن ئايروپورتتا ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 26-ماي جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئىھتىماللىقىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئابدۇۋەلىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇۋەلى ئابدۇراھمان قارامايدا توغۇلغان بولۇپ، يەتتە يىلدىن بۇيان كورىيەدە ئوقۇۋاتقان. ئۇ 2022-يىلى تەنتەربىيە ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. 2. د ئۇ ق ۋەكىللىرى لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش پائالىيىتى باشلىغان 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكى 25-مايدىن ئېتىبارەن لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىدە 2 ھەپتە داۋام قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكاسىدىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى بۇ دۆلەتلەردە ئاڭلىتىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە خەلق-ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تارتىش ئىكەن. 3. ئافغانىستاندىن ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان لىنىيە ئەسلىگە كەلگەن ئافغانىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى بىۋاسىتە ئۇچۇش ئەسلىگە كەلگەن. ئىگىلىنىشچە، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئافغانىستان بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدىكى بىۋاستە ئۇچۇش 2020-يىلىنىڭ بېشىدا توختىتىلغان بولۇپ، ئارىيانا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ كابۇلدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ھەپتىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى 24-مايدىن باشلاپ نورمال ھالەتكە كەلگەن. ئافغانىستان قاتناش ۋە خەلق ئاۋىئاتسىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى غۇلام جىلاننى ۋافا كابۇل ئايرودرومىدا ئۇچۇش مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 4. ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە تورى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى غەرب ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكا يۇمشاق دېتال ماگناتى مىكروسوفت شىركىتى 24-ماي خىتاي قوللىغان خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى تېلېگرافتىن تارتىپ قاتناشقىچە بولغان ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە تورىغا كەڭ-كۆلەملىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىكروسوفت شىركىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ھەربىي بازىسى شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە گۇئام ھەربىي بازىسىنىڭمۇ خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە بۇ ھۇجۇملارنى رەت قىلىش قىيىنغا توختايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 5. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى تەي خىتاي سودا مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تەي ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سودا مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەن. يىغىن جەريانىدا، خىتايدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتىلغان تەدبىرلەرگە قارىتا ئەندىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، تەينىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئوچۇق ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 6. خىتاي تەقلىدىي باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنى چۆكتۈرگەن ئىگىلىنىشچە، خىتاي ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گېرالد ر.فورد ئاۋىئاماتكىسىنى ئۇرۇش تەقلىدىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى بىلەن چۆكتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئاۋازدىن تېز قورالنىڭ تەسىرىنى تەجرىبە قىلغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «سىناق ۋە ئۆلچەش تېخنىكىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماستىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى بېيجىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغان بىر ئارالغا يېقىنلاشقان سىنارىيەنى ئاساس قىلغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur