UYGUR TV

27/9/2023 ئىستانبۇلدا «دەۋر ۋە بىز» ناملىق لېكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئىستانبۇلدا «دەۋر ۋە بىز» ناملىق لېكسىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى ئامېرىكىغا جايلاشقان «ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى» تەشكىللىگەن «دەۋر ۋە بىز، ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە-2023» تېمىلىق پائالىيەت 23- ۋە 24-سىنتەبىر كۈنلىرى ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ناسانىڭ ئىنژېنېرى، «ئۇيغۇر پىروجېكت فوندى» نىڭ رەئىسىدوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى يىغىن ئېچىش پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر روھىي ئازابقا دۇچ كەلدى. بىر قىسىم كىشىلەر چۈشكۈنلىشىشكە باشلىدى. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر خەلقى بۇندىن كېيىن قانداق ياشىشىنى بىلەلمەي قالدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلەش، ئۇلارنى ھازىر زۆرۈر بولغان بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش مەقسىتى بىلەن بۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانىدۇق. بىز بۇ مەقسەت بىلەن ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان كىرىزىسلار نېمە؟ بۇ مەسىلە ۋە كىرىزىسلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى نېمە؟ ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى نېمە؟ دېگەن سوئاللارنى تەييارلاپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەنىدۇق. بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ 45 زىيالىي 50 پارچە ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى يوللاپ بەردى. ئۇنىڭدىن 37 نەپەر زىيالىينىڭ 44 پارچە ماقالىسى رەسمىي تاللاندى. بىز بۇ ماقالىلەرنى يىغىپ ماقالىلەر توپلىمى قىلىپ نەشر قىلدۇردۇق. بۇ 550 بەتلىك كىتاب ۋۇجۇدقا چىقتى. بۇ كىتابنى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردۇق». ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ 2023-يىلى 29-سېنتەبىر، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەر خىل پىدائىيلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، 29-سېنتەبىر ئىستانبۇلدا «بىز شەرقىي تۈركىستان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز» باش تېما قىلىنغان رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈدىكەن. ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا يېڭىدىن دىپلوماتىك تالاش-تارتىش قوزغالدى خىتاينىڭ خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈۋاتقان ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملاتقان ئۈچ نەپەر ھىندىستانلىق چامباشچىلىق ماھارىتى تەنھەرىكەتچىسىنى خىتايغا كىرىشىنى رەت قىلغان. بۇ ۋەقە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۈچ تەنھەرىكەتچى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدىن بولۇپ، بۇ رايون ھىمالايا تېغىنىڭ شىمالىغا تۇتىشىدىكەن. خىتاي ئۇزۇندىن بېرى بۇ يەرنى خىتاينىڭ زېمىنى دەپ دەۋا قىلىپ، ھىندىستاننىڭ زېمىن تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن.گەرچە خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش كومىتېتى ئۈچ ئايال تەنھەرىكەتچىنىڭ خىتايغا كىرىش ۋىزىسىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەنھەرىكەتچىلەر تەستىقلانغان تىزىملاش كارتىسىنى توردىن چۈشۈرەلمىگەن. خىتاي شى جىنپىڭنىڭ «ئىنسانىيەت ئورتاق گەۋدىسى» تەسەۋۋۇرىنى ئېلان قىلدى خىتاي 10 يىل ئىلگىرى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئىنسانىيەت ئورتاق گەۋدىسى تەسەۋۋۇرىنى» قايتا ئېلان قىلدى. ھۆججەتتە خىتاينىڭ بۇ تەسەۋۋۇرغا قاراپ تىرىشىۋاتقانلىقى ۋە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ ھۆججەت «خىتاينىڭ چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيىسىنى بەلگىلەيدىغان غايىلەرنى ئاشكارىلايدۇ». ئامېرىكا كورېيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا ئۆزەك سېتىش كەچۈرۈمىنى ئۇزارتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سامسۇڭ ئېلېكترون شىركىتى قاتارلىق كورىيەنىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئامېرىكا ئۆزەك ئۈسكۈنىلىرىنى خىتايغا ئېلىپ كىرىشتە ئىجازەتنامە ئېلىشىدىن كەچۈرۈم قىلغان. يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەنبەلەرگە ئاساسلانغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى كورىيەلىك ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن خىتايدا قايسى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى مۇزاكىرە قىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەپتە مۇناسىۋەتلىك باياناتلارنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي قىرغىزىستانغا كۆچمە دوختۇرخانا ئىئانە قىلغان خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى قىلماقتا. يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ قىرغىزىستان جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىئانە قىلغان ئىككى يۈرۈش كۆچمە دوختۇرخانىنىڭ مال يەتكۈزۈش مۇراسىمى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سادىر جاپاروف ۋە خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېنمۇ قاتناشقان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur