UYGUR TV

28/06/2022 خىتايغا قارشى 600 مىليارد دوللارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى پىلانى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتايغا قارشى 600 مىليارد دوللارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى پىلانى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنى 26-ئىيۇن، يەنى يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قارشى كەلگۈسى بەش يىلدا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 600 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانىنى قوبۇل قىلغان. گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتىدىكى شىلوس ئەلمو قورۇقىدا ئۇچراشقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن ۋە سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرى «يەر شارى ئۇل ئەسلىھەرلەر ۋە مەبلەغ سېلىش ئورتاق ھەمكارلىقى» ناملىق پروگراممىنى بىرلىكتە تەستىقلىغان. يىغىندا ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېر لېيىن، ئوخشاش بىر مەزگىلدە ياۋروپانىڭ 300 مىليارد دوللار توپلاپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قارشى ئىزچىلىققا ئىگە يەنە بىر قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تۈركىيە-ئەزەربەيجان-قازاقىستان تاشقى ئىشلار ۋە قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنى باكۇدا ئۆتكۈزۈلدى تۈركىيە-ئەزەربەيجان-قازاقىستان ئۈچ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ۋە قاتناش مىنىستىرلىرى يىغىنى باكۇدا باشلاندى. تۈركىيە-ئەزەربەيجان-قازاقىستان تاشقى ئىشلار ۋە قاتناش مىنىستىرلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا، كاسپىي دېڭىزى بىلەن شەرق-غەرب مەركىزى كارىدورىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. خىتايدا سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى تۆۋەنلىدى ئىگىلىنىشىچە، ئاپرېلدىن كېيىن ماي ئېيىدىمۇ خىتايدىكى سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى تۆۋەنلىگەن. لېكىن، مايدىكى پايدىنىڭ تۆۋەنلىشى 4-ئايدىكىگە قارىغاندا ئاستا بولغان. 5-ئايدا، سانائەت شىركەتلىرىنىڭ پايدىسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا% 6.5 تۆۋەنلىگەن. ئاپرېلدا بولسا % 8.5 تۆۋەنلىگەن. ستولتېنبېرگ: تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ شىۋىتسىيە، فىنلاندىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى، سۆھبەتنىڭ بۇ دائىرىدە مادرىدتىكى باشلىقلار يىغىنىدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەن لىندې بولسا تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا بولغان ئەندىشىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىسرائىلىيە ۋە تۆت ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بايدىننىڭ زىيارىتىدىن كۆرۈشتى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە تۆت ئەرەب دۆلىتى پرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ۋە يىللىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا، مىسىر، ماراكەش، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەيننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۇ يىل مارتتا ئىسرائىلىيە ساھىبخانلىق قىلغان «نەجەف باشلىقلار يىغىنى» دا بىر يەگە كەلگەن. ئىئوردانىيەدە زەھەرلىك گاز قاچىلانغان يۈك ساندۇقى پارتىلىدى ئىئوردانىيەنىڭ ئاكابا پورتىدا يۈك بېسىش جەريانىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن يۈك ساندۇقىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 10 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 250 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur