UYGUR TV

28/09/2022 بىر ھەپتىدە 98 مىڭ ئادەم رۇسىيەدىن قازاقىستانغا كىردى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە لايىھە سۇنۇلدى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە بىر مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا 26-سىنتەبىر دۈشەنبە كۈنى جەنۋەدە يىللىق يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بۇ ھەقتە بىر تەكلىپ سۇنغان. ابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت بۇ يىل 31-ئاۋغۇست ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئىلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي زور تەنقىدىي كۆزىتىشكە دۇچ كەلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ لايىھەنى ئەنگىلىيە، كانادا، شۋىتسىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، ئېرلاندىيە ۋە نورۋېگىيە قوللىغان. ئافغانىستان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان خىتاي دۆلىتى ئافغانىستاندىن تەلەپ قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بېرىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتكە ۋەدە قىلىنغان مەبلەغنى توختىتىپ قويغان. «مېپا خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالوكوزاي خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشنى توختىتىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالغاندا: «ئافغانىستاندىكى ئىسلام ئەمىرلىكى ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتە پاناھلانغان ئۇيغۇرلارغا قارشى خىتاي ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلمىدى ۋە قىلمايدۇ» دېگەن. دۇنيا بانكىسى خىتاينىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى دۇنيا بانكىسى بۇ يىل خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى% 4.3 تىن% 2.8 كە چۈشۈردى. دۇنيا بانكىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى 1990-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شەرقىي ئاسىيادىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە قارىغاندا ئاستا بولىدىكەن. شى جىنپىڭ ئون كۈندىن كېيىن ئېكراندا پەيدا بولدى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ غايىب بولۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە قايتا پەيدا بولدى، بۇندىن بۇرۇن خىتايدا سىياسىي ئۆزگىرىش بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەلەرمۇ چىققان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 27-سىنتەبىر بېيجىڭ كۆرگەزمە زالىدا «يېڭى دەۋرگە قاراپ ئىلگىرىلەش» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭغا باش مىنىستىر لى كېچياڭ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەمراھ بولغان. ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن رايونلۇق باشلىقلار يىغىنىدىن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان تېلېۋىزوردا كۆرۈلمىگەن جىنپىڭنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. دانىيە: شىمالىي ئېقىندىكى گاز ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى قەستەن چىقىرىلغان دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېن بالتىق دېڭىزىدا روسىيەنىڭ شىمالىي ئېقىن 1 ۋە شىمالىي ئېقىن 2 تۇرۇبا يولىدىكى گاز ئېقىپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ قەستەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. فرېدېرىكسېن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا دائىرىلەرنىڭ بۇنى قەستەن ھەرىكەت دەپ قارىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ گاز ئېقىپ كېتىشنىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىر ھەپتىدە 98 مىڭ ئادەم رۇسىيەدىن قازاقىستانغا كىردى قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مارات ئەخمەتكانوف پايتەخت ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 21-سېنتەبىردىن باشلاپ 98 مىڭ رۇسىيە پۇقراسىنىڭ قازاقىستانغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى. ئۇندىن باشقا، روسىيەدە قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، گرۇزىيەگە كىرگەن رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ تەخمىنەن% 45 ئاشقانلىقى ئېلان قىلىندى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghu