UYGUR TV

28/5/2023 ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن ب د ت ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرككە چاقىرىق

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر 1. ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىستىخبارات دوكلاتى قانۇن لايىھەسى سۇنغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى ئەزاسى رىچى تورېس، 25-ماي دۆلەت مەجلىسىگە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىستىخبارات تەھقىقلەش قانۇنى» ناملىق قانۇن لايىھەسى سۇنغان. رىچى تورېسنىڭ 25-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ‍ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىشخانىسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت يىللىق دوكلات تەييارلاپ، دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. 2. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى:« ئابدۇۋەلى ئ‍سىملىك ئۇيغۇر خوكڭوڭغا كىرمىدى كورىيەدىن خوڭكوڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ياش غايىب بولغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى 27-ماي سەھەردە بايانات ئىلان قىلىپ، «بۇنداق بىر شەخس خوڭكوڭ چېگىرسغا كىرمىگەن ياكى كىرىشى رەت قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھىچقانداق پاكىت تەكشۈرمەستىن، خوڭكوڭغا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ» دىگەن. ئۇنىڭ دوستىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇۋەلى 10-مايدا خوڭكوڭغا دوستىنى يوقلاش ئۈچۈن بىرىپ، ئايرۇدۇرۇمغا چۈشىشى بىلەن خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان ۋە دوستىغا ئۇچۇر يېزىپ، ئۆزىنىڭ سوراق قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.شۇنىڭدىن كىين ھىچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان.دوستى ھىچقانداق يەردىن خەۋەر ئالالمىغاندىن كىين خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا ئىدارسى بىلەن ئالاقىلىشپ، مۇراجىئاتنامە چېقىرىشنى تەلەپ قىلغان. كەچۈرۈم تەشكىلاتى خوڭكوڭ دائىرلىرىنى ئابدۇۋەلىنى دەرھال قويۇپ بىرىشكە، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشقا، ختايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىق قىلغان. 3. ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن ب د ت ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرككە چاقىرىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ب د ت ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا تۇتقان مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا چاقىردى. ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنىڭ 24-ماي جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان ئاخىرقى باياناتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ۋە تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايىتىنى تەكىتلىمىگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى. 4. خىتاي ئەمەلدار شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ دائىمى ئەزاسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 22-مايدىن 24-مايغىچە شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، قەشقەردە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، ھېيتگاھ جامەسى، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتى قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، ئاتالمىش ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنى تەكشۈرگەن. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ قىرغىن قىلىشنى داۋام قىلىش سىياسىتىنى تەكىتلەپ: «يېڭى مۇساپىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، سىجىل، مۇقىم، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىللەت، دىن خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئىشلەپ، ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى، خىتايچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان. 5. خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يېڭى ۋارىيانى ھەر ھەپتىدە 65 مىليون ئادەمنى يۇقۇملاندۇرىدۇ ئىگىلىنىشچە، خىتاي دائىرىلىرى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھەپتىدە تەخمىنەن 65 مىليون ئادەمنى يۇقۇملاندۇرىدىغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يېڭى بىر تۈرىنىڭ دولقۇنىغا تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. «XBB» ۋارىيانتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ يېڭى دولقۇن خىتاي دائىرىلىرى ئۆيگە قاماش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارغا زۇلۇم چەكلىمىسى قويغان «نۆل كوۋىد» سىياسىتىنى بىكار قىلىپ 6 ئايدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur