UYGUR TV

29/3/2024 يېڭى زېلاندىيە خىتاينى تور ھۇجۇمى بىلەن ئەيىبلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىنى «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» نى قىلىشقا چاقىردى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاشقا دائىر تەشۋىقاتلىرىدا ئىسلام ئەللىرىنى نۇقتىلىق نىشان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» دىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 27-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «سىياسىي پارتىيەلەر كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكى» ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۆمەكتە ئىراق، ماۋرىتانىيە، ئىيوردانىيە، پەلەستىن، ماراكەش، تۇنىس، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى بار ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىشىچە، ما شىڭرۈي بۇ ۋەكىللەرگە شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ «شىنجاڭغا غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكى، ئەمما ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ساھەلەردە يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تارقىتىپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى توسماقچى بولۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلجېلىل قاراقاش بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىنى نىشانلاپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋىجدانىنى تەۋرىتىدىغان رېئاللىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئىسلام دۆلەتلىرىنى يالغان ئۇچۇرلار بىلەن ئالداشقا ئۇرۇندى. لېكىن بۇ تىرىشچانلىق پاكىتنى يېپىش ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا يەتمەيدۇ. ما شىڭرۇينىڭ بايانلىرى پەقەت خىتاينىڭ ئىچكى تەشۋىقات تىرىشچانلىقىنىلا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رايوندىكى ئۇتۇقلىرى نامىدا يوشۇرۇنغان رېئاللىق ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ۋە مەدەنىيەت كىملىكى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شىۋېيتسارىيە مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى 27-مارت كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ زۇگ ئىشتاتىدىكى ئىشتاتلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، بۈگۈنى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىلدى. شۇنداقلا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» تېمىسىدىكى ئارخىپلاردا خاتىرىلەنگەن تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ پائالىيەتنى زۇگ ئىشتاتلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت زۇگ ئىشتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالىي ئوقۇتۇش يۇرتى بولغان ئىشتاتلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن. تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خىتاي مۇنبىرىدە سۆز قىلدى: ئۇيغۇرلار كۈن تەرتىپىدە يوق تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىسمائىل ھاككى مۇسا خىتاينىڭ خەينەن ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆز قىلىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى، ئاسىيادىكى قايتا ئاسىيا تەشەببۇسى ۋە ئالاقىدار تۈرلەر ھەققىدە توختالدى. ئەپسۇسكى، ئۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردە قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈرك خەلقلىرىگە قىلىنغان رەھىمسىزلىكنى تىلغا ئالمىدى. توقايېۋ: شى جىنپىڭنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاۋاتىمەن خىتايدىكى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتناشقان قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم توقايېف ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى سادىر قىلغۇچى شى جىنپىڭنى ئۆز دۆلىتىدە كۈتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. توقايېف خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى كاتىبات باشقارمىسىغا مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە بۇ «مۇنەۋۋەر ئورۇنلاشتۇرۇش» ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. توقايېف يەنە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ باش جىنايەتچىسى شى جىنپىڭنى ئۆز دۆلىتىدە كۆرۈشنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرا ماجىراسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىش ئېلىپ باردى خىتاي بىلەن ھىندىستان ھىمالايا تېغىدىكى تالاش-تارتىشتىكى چېگرا رايونلىرىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى چېگرا ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي-ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى مەسلىھەت بېرىش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ 29-قېتىملىق يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يېڭى زېلاندىيە خىتاينى تور ھۇجۇمى بىلەن ئەيىبلىدى يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت پارلامېنتىغا 2021-يىلدىكى تور ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاككېرلارنىڭ بارلىقىنى دوكلات قىلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇدىس كوللىنس باياناتىدا مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە، 2021-يىلى پارلامېنتنىڭ بەزى ئورۇنلىرىغا تور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. كولىنس بۇ ھۇجۇملارنىڭ خىتاي دۆلىتى قوللىغان «APT40» دەپ ئاتىلىدىغان خاككېرلار گۇرۇپپىسىنى ئاساس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur