UYGUR TV

29/5/2023 خىتاي ئاۋىئاماتكىنى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكۈزىدۇ

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر تۈركىيە دۆلەت رەئىسلىك سايلىمىدا ئەردوغان غەلبە قىلدى 2023-يىللىق تۈركىيە دۆلەت رەئىسلىك سايلىمىنىڭ 28-ماي ئۆتكۈزۈلگەن 2-ئايلانمىسىدا ھازىرقى دۆلەت رەئىسى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەلبە قىلدى. تۈركىيە ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلام ساندۇقلىرىنىڭ 99.9% ى ئېچىلىپ بولغاندا، ئەردوغان 52.15% ئاۋازغا، قىلىچدارئوغلۇ 47.85% ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئەردوغان ئېرىشكەن ئاۋاز سانى 27 مىليون 722 مىڭ 630، قىلىچدارغئونىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز سانى 25 مىليون 432 مىڭ 166 بولغان. دۇنيا رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئىلان قىلىپ ئۇنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلىمەكتە. ئەردوغاننىڭ سايلام زەپىرىنى تەبرىكلەپ بايانات ئىلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى، ئەردوغاننىڭ 2009-يىلى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان تۇنجى كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ باياناتىدا، بۇ سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيەگە، تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام ئالىمىگە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز». قىرغىزىستان بىلەن خىتاي بىرلىكتە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەشكە كېلىشتى الدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىىتىدە، قىرغىزىستان بىلەن خىتاي 63 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىشقا كېلىشتى. قىرغىزىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان بىلەن خىتاي «يىپەك يولىدىكى شامال» ۋە «بىشكەكتىكى مۇھەببەت» ناملىق ئىككى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىشنى پىلانلىغان. قىرغىزىستان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تۈر خىتاي تەرەپنىڭ تەلىپى بىلەن باشلانغان. خىتاي ئاۋىئاماتكىنى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكۈزىدۇ تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى شەنبە كۈنى خىتاينىڭ شەندۇڭ ئاۋىئاماتكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى. مىنىستىرلىق پاراخوتلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مىنىستىرلىق يەنە جۈمە كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دىن شەنبە كۈنىگىچە 24 سائەت ئىچىدە تەيۋەن ئەتراپىدا خىتاينىڭ 33 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 10 دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەزەربەيجان مۇستەقىللىقىنىڭ 105 يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە ئەزەربەيجان 1918-يىلى 28-ماي ئېلان قىلىنغان مۇستەقىللىقنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە. «مۇسۇلمان شەرقنىڭ تۇنجى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى» دەپ قارالغان ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىقى 1918-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەزەربەيجان مىللىي كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur