UYGUR TV

3/2/2023خىتاي: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا داۋالغۇش پەيدا قىلماسلىق كېرەك

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر كانادا ئۇيغۇرلارغا ئىشكىنى ئاچتى كانادا پارلامېنتى شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ چىققان ۋە چەتئەللەردىمۇ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان 10 مىڭ ئۇيغۇر كۆچمەننى قوبۇل قىلىش لايىھەسىنى ماقۇللىدى. ئىگىلىنىشىچە، 1-فېۋرال چارشەنبە كۈنى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلغان m-62 ناملىق بۇ لايىھە ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بىردەك ماقۇللانغان. كانادا ئاۋام پالاتاسىدا 0 گە قارشى 320 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان لايىھەدە 2024-يىلىدىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر لايىھەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىشىدا، كانادا پارلامېنتىنىڭ 2021-يىلى فېۋرالدا بىر قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلىشى ئاساس بولغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى سامىر زۇبېرى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ لايىھەنىڭ ماقۇللىنىشىنى «تارىخىي پەيت» دەپ ئاتىدى. چاۋۇشوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن گاڭ بىلەن تېلېفونلاشقان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، چاۋۇشوغلۇ چىن گاڭنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغانلىقىنى تەبرىكلىگەن. سۆھبەت جەريانىدا ئىككى تەرەپلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى مۇناسىۋىتى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، چاۋۇشوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سەزگۈرلۈكىنى قارشى تەرەپكە يەتكۈزگەن. خىتاي ساختا مەھسۇلاتتا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم خىتاينى ئەتكەسچىلىك ۋە ساختا مەھسۇلات سەۋەبلىك ئەيىبلىدى. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى تەييارلىغان دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي دۇنيادىكى ئەتكەس ۋە ساختا مەھسۇلاتلار سودىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى بۇ ھەقتە تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تاموژنىسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەتكەس مەھسۇلاتلارنىڭ 75 پىرسەنتىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بەشبۇرجەكلىك بىنا: خىتايغا تەۋە جاسۇسلۇق گاز شارى بايقىدۇق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بەشبۇرجەكلىك بىنا يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان گۇمانلىق «خىتاي كۆزىتىش شارى» نىڭ ئامېرىكا ئاسمىنىدا ئۇچقانلىقىنى ۋە مۇھىم ھەربىي ئورۇنلارغا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ كۆزۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىلان قىلدى. بەشبۇرجەكلىك بىنا ئىلان قىلغان باياناتتا، شارنىڭ ئاخبارات توپلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىز قوغلاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاي: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا داۋالغۇش پەيدا قىلماسلىقى كېرەك خىتاي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ كورېيە ۋە ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى تەنقىد قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «قالايمىقانچىلىق ئۇرۇقىنى باشقا يەرگە تېرىماسلىقى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ستولتېنبېرگنىڭ «خىتاي قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان، ئوچۇق ۋە دېموكراتىك خەلقئارا تەرتىپكە قارشى مۇستەبىت ئۆكتىچىلەرنى يېتەكلەۋاتىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئىتىراز بىلدۈردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur