UYGUR TV

30/06/2022 خىتاينىڭ بەش شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنە كۈنتەرتىپكە كەلدى بۇ يىل 28-ئىيۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا رەسمىي باشلانغان «2022-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلارنى مۇسۇلمانلار دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاڭلتىشقا كەڭرى سەھنە ھازىرلاپ بەردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىملىق كېڭەشكە قاتناشتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئەپەندى ۋە توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور كاترىنا لانتوس سۋىت خانىم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىنىي كىملىكى تۈپەيلىدىن باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى. خىتاينىڭ بەش شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بەش شىركىتىنى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى قوللىغانلىق سەۋەبلىك، سودا قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، قارا تىزىملىكى بەش خىتاي شىركىتى رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرى قارا تىزىملىكتىكى رۇسىيە ئورگانلىرىنى مال بىلەن تەمىنلىگەن. تىزىملىكتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا سودا تارماقلىرى رۇسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، لىتۋانىيە، پاكىستان، سىنگاپور، ئەنگلىيە، ئۆزبېكىستان ۋە ۋىيېتنامدىكى بىر قىسىم شىركەت ياكى ئورگاننى قارا تىزىملىككە قوشقان. ئەمما قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 36 ئورۇننىڭ 25 ى خىتايدىكى تىجارەتنى ئاساس قىلغان شىركەت، ئورگانلار ئىكەن. ناتو خىتاينى تەھدىت دەپ ئاتىدى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رەھبەرلىرى مادرىد باشلىقلار يىغىنىدا قوبۇل قىلغان يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ئۇقۇم ھۆججىتىدە، خىتاي تۇنجى قېتىم تەھدىد دەپ تىلغا ئېلىندى، ئىستراتېگىيىلىك شېرىك دەپ قارالغان روسىيە بۇ قېتىم «ئەڭ مۇھىم ۋە بىۋاسىتە تەھدىد» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئەنگىلىيە تەيۋەننى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنى مۇزاكىرە قىلدى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇس ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلغاندا، خىتاي بىلەن جىددىي ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىش تەكلىپىنى بەردى. ترۇس مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنغا بۇرۇنلا مۇداپىيە قوراللىرى ئەۋەتىشىمىز كېرەك ئىدى. تەيۋەن مەسىلىسىدە بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشىمىز لازىم. ئەۋەتكەن قوراللارنى ئۆگىتىش ئۈچۈنمۇ ئايلار كېتىدۇ. شۇڭا قانچە تېز قىلساق شۇنچە ياخشى». ئەردوغان ناتو رەھبەرلىرى يىغىنىدا بايدىن بىلەن كۆرۈشتى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان تۈركىيە رەئىسى ئەردوغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. بايدېن ئاخباراتقا يېپىىق ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىگە رەھمەت ئېيتتى. ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى تەخمىنەن 1 سائەت 15 مىنۇت داۋاملاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون بىلەن بولغان سەمىمىي سۈرەتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. توقايېف: كاسپىي دېڭىزى دوستلۇق دېڭىزى بولۇشى كېرەك تۈركمەنىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا پايتەخت ئاشخاباتتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك كاسپىي دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېف، ئۆزلىرىنىڭ 5 دۆلەت ئورتاقلاشقان كاسپىي دېڭىزىنىڭ ھەر ۋاقت قوشنىدارچىلىق، ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق دېڭىزى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ناتو رەھبەرلىرى شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنى ئىتتىپاققا تەكلىپ قىلدى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنى ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلدى ھەمدە كىرىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا قوشۇلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur