UYGUR TV

30/1/2023 شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە-شىۋىتسىيە سۆھبىتى توختىتىلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئاقسۇدا «چاغانلىق مەسنەۋى» سىنى ئۆيلىرىگە تەتۈر چاپلاپ قويغان ئۇيغۇر ئائىلىلەر جازالانغان خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، يەرلىك دائىرىلەر بۇ يىلمۇ يېزا-كەنتلەردە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئشىك-دېرىزىلىرىگە چاغانلىق مەسنەۋىي چاپلىشى، پانۇس ئېسىشى ۋە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى چاغانلىق تامىقى بولغان تۈگرە ئېتىپ يېيىشىنى يولغا قويغان. ئاقسۇدا خىتايچە بىلمىگەچكە ئۆيلىرىگە چاغانلىق «مەسنەۋىي» نى تەتۈر چاپلاپ قويغان ئائىلىلەر جازالانغان. ئاقسۇ يېزىلىرىدا «مەسنەۋىي» نى تەتۈر چاپلاپ قويغان بۇ ئائىلىلەردىن 178 كىشىنىڭ جازالانغانلىقى، 3 كىشىگە مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ «جوڭخۇا مەدەنىيىتىنى كەمسىتكەن» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى مەلۇم بولدى. خىتاي ئەنگىلىيەنىڭ يادرو مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشتىمۇ؟ ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىسمەن خىتاي دۆلىتىگە تەۋە بىر شىركەت ئەنگىلىيەنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى سىمسىز تور بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئەنگىلىيەنىڭ يادرو قورالى توغرىسىدىكى مەخپىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن. ئىگىلىنىشىچە، 20 يىلغا يېقىن ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنى خىزمەت بىلەن تەمىنلىگەن Media Force ناملىق تېلېگراف شىركىتى ھازىر 46 ئەنگىلىيە ھەربىي بازىسىنى سىمسىز تور بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ئىچىدە ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ۋۇدۋۇدتىكى باش ئورگىنىمۇ بار ئىكەن. خىتاي ياپونىيەگە ۋىزا چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى خىتاي ۋىرۇسى ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن خىتاي يولوچىلارغا چەكلىمە قويغان ياپونىيىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى 10-يانۋار ياپونىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە ۋىزا بېرىش ئىشلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارارنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ كورىيەدە بىخەتەرلىكنى تەكىتلىدى كورېيە يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ كورېيە ۋە ياپونىيە زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتىدە پايتەخت سېئۇلدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن بىلەن كۆرۈشكەن. ستولتېنبېرگ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە يادرو پىلانىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىنىڭ تىنچ ئوكياندا ھېس قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، «شىمالىي كورىيە روسىيەنىڭ راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئۇرۇش قىلىشىنى ھەربىي جەھەتتىن قوللايدۇ. بۇ بىخەتەرلىكنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قانداق باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى. شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە-شىۋىتسىيە سۆھبىتى توختىتىلدى شىۋتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە بىلەن شىۋىتسىيە ئارىسىدا مۇناسىۋەت يىرىكلەشمەكتە. تۈركىيە شىۋىتسىيەنى تېرورلۇق ۋە ئىسلامغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم تۈركىيە-شىۋىتسىيە سۆھبىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇندىن بۇرۇن، شۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنىڭ يېقىلىشىغا يول قويۇشى تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، تۈركىيە دائىرىلىرى شۋىتسىيەنىڭ مادرىد ئەھدىنامىسىدىكى شەرتلەرنى ئۇرۇندىمىسا ناتوغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur