UYGUR TV

30/11/2022 شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى كارانتىناغا ئېلىنغان بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ باشلىقى رۇشەن ئابباس بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۇ ئوت ۋە ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار خىتاينىڭ رەھىمسىز كارانتىنلىرىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ، بۇ سىياسەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ھېچ نەزەرگە ئالماستىن بۇنداق ئۇسۇللارنى قوللانغان. بىز دۇنيا رەھبەرلىرىنى كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئۈچۈن بېيجىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا. ما شىڭرۈي: ئسلام دىنىنى داۋاملىق خىتايغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 10-نۆۋەتلىك پارتكومىنىڭ 6-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاشنىڭ يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى ما شىڭرۈي سۆز قىلىپ: «13. بەش يىللىق پىلان دەۋرىدە باشلانغان ئىسلام دىنىنى خىتاي سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش سىياسىتى دائىرىسىدە، ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي بىلىملىرى ۋە تەلىماتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇقتۇرۇشتا كوممۇنىزمغا ماسلاشتۇرۇش ھەمدە ئۇنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماس كېلىدىغان كونكرېت مەزمۇنلار بىلەن ئىزاھلاش ۋە دىننى كوممۇنىزم ئىدىيىۋى كۆز قارىشى ئاساسىدا ئاكتىپ يېتەكلەش كېرەك» دېگەن. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى: خىتاي ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىدىكى «ئالتۇن دەۋر» ئاياغلاشتى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ يىغىلىشىدا سۆزگە چىقىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئەنگلىيە قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتىگە سىستېمىلىق رىقابەت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئىلگىرى ئۇ ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى توغرىسىدا توختالغاندا، ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدىكى ئاتالمىش «ئالتۇن مۇناسىۋەت» دەۋرىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى، تاشقى سودا ئارقىلىق خىتاي جەمئىيىتى ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ شاڭخەيدە نامايىشلارنى خەۋەر قىلغان بىر نەپەر ب ب س مۇخبىرىنى قولغا ئالغانلىقى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئەنگىلىيەدىكى باش ئەلچىخسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى. بەشبۇرجەكلىك بىنا: خىتاي 2035-يىلغىچە يادرو ئوق بېشىنىڭ سانىنى 1500 گە يەتكۈزەلەيدۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بەشبۇرجەكلىك بىنا دۆلەت مەجلىسىگە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى توغرىسىدىكى يىللىق «ھەربىي كۈچ دوكلاتى» نى تاماملىدى. بەشبۇرجەكلىك بىنا ئەگەر خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى داۋاملىشىۋەرسە، بېيجىڭنىڭ 2035-يىلغا بارغاندا 1500 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي روسىيەنى پاكىز ئېنېرگىيەدە ھەمكارلىققا چاقىردى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ روسىيە بىلەن يېشىل ۋە پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىدا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. شى جىنپىڭ روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك خىتاي-روسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىگە قىلغان تەبرىك سۆزىدە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشىنىڭ بىرى دەپ تەسۋىرلىدى. ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى: «بىز ئامېرىكا مەھبۇسلىرىنى ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆرمىدۇق» ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس خىتايدىكى ۋىرۇس چەكلىمىسىنىڭ دىپلوماتىك ۋەزىپىلەرنى ۋە كونسۇل ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، «بىز خىتايدىكى ئامېرىكا مەھبۇسلىرىنى ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆرەلمىدۇق» دېدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur