UYGUR TV

30/3/2024 پاكىستاندىكى ھۇجۇمدىن كېيىن خىتايلار ئىككى تۈرنى توختاتقان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھىتىنى بۇزۇپ، ئۇنى سانائەت ئەخلەتخانىسىغا ئايلاندۇرماقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرى خىتاينى ئېلېكتىر-ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر، تەبىئىي گاز، نېفىت مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشىنىڭ كۈنسايىن شىددەت بىلەن ئېشىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سۇ، تۇپراق ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى شۇنىڭدەك باشقا ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچراشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن « خىتاي ئاخبارات تورى» دا خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا تارىم نېفىتلىكى 10 مىڭ مېتىرلىق قۇدۇق كولاپ، ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر قۇدۇق كولاش رېكورتىنى ياراتقان. ئۇلار قېزىلغان بۇ قۇدۇقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن 19 مىليون 700 مىڭ توننا نېفىت-گازى ئالغان ۋە ئۇنى «10 مىڭ مېتىرلىق قۇدۇق، بىزنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىمىز» دەپ ماختانغان. شۈبھىسىزكى، يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا ۋە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ئانا دەريا» دەپ قارىلىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىشى دىققەت قوزغايدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئابدۇرەشىت جەلىل قارلۇقنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيان ئالاقىلىشالمىغان ئانىسى ۋاپات بولغان تۈركىيىدە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر پروفېسسور يەتتە يىلدىن بۇيان ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋېلى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، جەمئىيەتشۇناس پروفېسسورى ئابدۇررېشىت جېلىل قارلۇق خىتاي ئاسارىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ۋە يەتتە يىلدىن بۇيان ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئانىسى ھاۋاخان مەمەتنىڭ ۋاپات خەۋىرىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. پروفېسسور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا: «قەدىرلىك ئانام ، مەن ئىزتىراپ ئىچىدە قارلۇق جەمەتىنىڭ تۈۋرۈكى ئانام ھاۋاخان مەمەتنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم… يەتتە يىلدىن بۇيان قېنىپ پاراڭلىشالمىدۇق، كۆرۈشەلمىدۇق، ماكانىڭىز جەننەت بولسۇن جېىن ئانا! » دېدى. ئۆزبەكىستان پرېزىدېنتى مىرزىيايېۋ قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز بىلەن كۆرۈشكەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 28-مارت كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىم تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ مۇھىم تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى ئاساسى نۇقتا قىلغانلىقى، بۇنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدىكى ئەمىلى ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئەركىن تۇنىيازنىڭ زىيارىتى خەلقئارادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جاۋابكارلىققا تارتىش چۇقانلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان. پاكىستاندىكى ھۇجۇمدىن كېيىن خىتايلار ئىككى تۈرنى توختاتقان پاكىستانلىق بىر ئەمەلدار 29-مارت فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا خىتاي ھۆددىگەرلىرىنىڭ بۇ ھەپتە پاكىستاندا ئىككى چوڭ توسما تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، گېجۇبا گورۇھى شىركىتى ۋە خىتاي ئېلېكتىر شىركىتى داسۇ توسمىسى ۋە دىئامېر باشا توسمىسىدىكى خىزمەتلەرنى ئايرىم-ئايرىم توختاتقان. خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈر ھۆددىگەرلىرى ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىدىن تەخمىنەن 1250 خىتاي ئىشچى ئىشلەيدىغان قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى ئېچىشتىن بۇرۇن يېڭى بىخەتەرلىك پىلانىنى تەييارلاشنى تەلەپ قىلغان. تۈرك تېلېگراف شىركىتى بىلەن خىتاي ئارىسىدا 200 مىليون ياۋرولۇق كېلىشىم تۈرك تېلېگراف شىركىتى خىتاي بانكىسى ۋە خىتاي ئېكسپورت-ئىمپورت بانكىسى بىلەن 200 مىليون ياۋرو ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز كېلىشىمى ئىمزالاپ، يېڭى مەبلەغ سېلىش، ئىستراتېگىيىلىك تەشەببۇس ۋە ئېشىش پىلانىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ قەرزنىڭ ئاخىرقى قەرەلى 2029-يىلى 3-ئايدا بولۇپ، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى ياۋرو بانكىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئۈستىگە % 1.50 قوشۇلىدىكەن، سۇغۇرتا ھەققى ۋە باشقا نەق پۇل چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي تەننەرخ يىللىق ياۋرو بانكىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە 3.37% قوشقانغا تەڭ بولىدىكەن. مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرى دائىرىسىدىكى دۆلەتلەرگە قەرز بېرىش ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنى قەرز توزىقىغا سۆرەپ كىرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur