UYGUR TV

30/5/2023 يۈننەندىكى تۇڭگانلار چوڭ مەسچىتىنىڭ چېقىلىشى كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلگەن

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر يۈننەندىكى تۇڭگانلار چوڭ مەسچىتىنىڭ چېقىلىشى كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ۋىدىيو ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، يۈننەن تۇڭخەي ناھىيەسىدىكى ناجيايىڭ مەسچىتى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېقىلىش ئالدىدا يەرلىك تۇڭگان مۇسۇلمانلارىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ۋىدىيولاردا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەسچىتنى قورشىۋالغانلىقى، مەسچىتكە كىرەلمىگەن تۇڭگان جامائىتىنىڭ ساقچىلارغا قارىتىپ بىر نەرسىلەر ئاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا ياش ئاققۇزۇش سۇيۇقلۇقى چاچقانلىقى ۋە بەزىلىرى تۇتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ ۋەقە 2020-يىلدىكى خىتاي سوتىنىڭ ھۆكۈمىگە، يەنى ئاتالمىش «قانۇنسىز مەسچىت يېڭىلاش قىلمىشى»غا بېرىپ چېتىلىدىكەن. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامنى ھاقارەتلەپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، 2020-يىلدىكى دوكلاتتا مىڭلىغان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.بۇ قېتىم يۈننەندىكى تۇڭگانلار مەسچىتىنىڭ مۇنار-قۇببىلىرىنىڭ چېقىلىشى، خىتاينىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا، ئاندىن نىڭشيا، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق تۇڭگانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مەسچىتلەرنى چېقىش، «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىلىسگە قەدەر كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتىكەن. خىتاي ئەردوغاننى تەبرىكلىدى: «ئىككى چوڭ دۆلەت» ئىپادىسىنى قوللاندى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئەردوغاننىڭ قايتا رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ۋە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، شى جىنپىڭ پرېزىدېنت ئەردوغانغا قىلغان تەبرىك سۆزىدە، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ياپونىيەنى ئۆزەك جازاسىنى توختىتىشقا چاقىردى خىتاي سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ ياپونىيەنى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورتىنى كونترول قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى ۋە بۇ جازانىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋە سودا قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرى 26-ماي دېترويىتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىدا ياپونىيەنىڭ سودا مىنىستىرى ياسۇتوشى نىشىمۇرا بىلەن كۆرۈشكەندە ئېكسپورت چەكلىمىسىگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ نازۇك تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش مەمۇرى بۇيرۇقى ئېلان قىلىدۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەربىي سانائىتىگە چېتىشلىق نازۇك تېخنىكا ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش مەمۇرى بۇيرۇقى ئېلان قىلىشى قارارلاشتۇرۇلۇپ، ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن. ئامېرىكادىكى «ئوكسىئوس» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاقساراي مەمۇرى بۇيرۇقنىڭ كونكرېت قاچان ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەدىن خەۋەردار زاتلار مەمۇرى بۇيرۇقنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسى ئىشلىنىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ يىل ياز ئايلىرىنىڭ ئ‍اخىرلىرىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، مەزكۇر مەمۇرى بۇيرۇق بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ بەزى تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە ھەربىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنى چەكلەش پوزىتسىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبە كومىتېتىنىڭ تۇنجى يىغىنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلدى خەلقئارا تۈرك ئاكادېمىيىسى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبە كومىتېتىنىڭ تۇنجى يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئېلىپبەسىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مۇزاكىرە قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە، تۈرك ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ ئالىي ئورگىنىنىڭ رەئىسى، تۈركىيە تىل كومىتېتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ئالىملار يىغىنغا قاتناشقان. شىمالىي كورىيە ياپونىيەگە يېقىندا ھەربىي جاسۇس سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان خەۋەر قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە 31-مايدىن 11-ئىيۇنغىچە قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان تۇنجى ھەربىي جاسۇس سۈنئىي ھەمراھى پىلانىنى ياپونىيەگە ئۇقتۇرغان. ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورىيە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ھەربىي جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن بولغان دېڭىزدا 3 «خەتەرلىك رايون» شەكىللىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur