UYGUR TV

31/1/2023 ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى فوندىنىڭ يېڭى ئىشخانىسى ئېچىلىشى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر كانادا پارلامېنت ئەزاسى ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىشكە چاقىرغان كانادا پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى 30-يانۋار كۈنى كانادا لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرىنىڭ كاناداغا 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى قوبۇل قىلىش قارار لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ 1-فېۋرال كۈنى ئاۋازغا قويۇلىدىغان مەزكۇر قارار لايىھەسىنىڭ پارلامېنتتا ئاخىرىقى قېتىم مۇنازىرە قىلىنىشىدۇر. يىغىندا باش مىنىستىر ترۇدونىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كانادا لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى سۆز ئېلىپ، ھەر قايسى پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئ‍ەزالىرىنى ۋە ھۆكۈمەتنى بۇ قارار لايىھەسىگە قوللاپ ئاۋاز بېرىشكە، ھۆكۈمەتنى چەت ئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرىنى تېزراق كاناداغا ئېلىپ كېلىشكە چاقىرغان. شايار ناھىيەسىدە قاتتىق يەر تەۋرىدى خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 05:49 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50 كىلومېتىر بولغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى رايونلار، قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى، ئۈرۈمچى ۋە ئارال رايونىدىكى ئاھالىلەر كۈچلۈك يەر تەۋرەشنى ھېس قىلغان. ئەمما ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى فوندىنىڭ يېڭى ئىشخانىسى ئېچىلىشى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى فوندى 2022-يىلى 29-يانۋار ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا يېڭى ئىشخانىسىنى ئاچتى. ئېچىلىشقا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇر زىيالىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشتى. خۇاۋېينىڭ تۈركىيە پىلانى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېينىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى دىققەت تارتقان ئىدى. لېكىن، ئەنقەرە ۋە يەرلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان خۇاۋېينىڭ تۈركىيەدە ھازىرغىچە ئورناتقان ياخشى مۇناسىۋەتنى ئازراق زىيانغا ئۇچرىغان. خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكىدىكى سىسكو شىركىتى تۈركىيە ئارمىيىسىگە تەمىنلەپ كەلگەن سانلىق مەلۇمات تورى مۇلازىمىتىگە خېرىدار چاقىرىشقا قاتناشقان بولۇپ، بۇ خېرىدار چاقىرىشتا غەلىبە قىلالمىغان. خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خېرىدار چاقىرىشتا مەغلۇب بولۇشى خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر «زىيارەت» كرىزىسى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر كرىزىس يۈز بەردى. خىتاي دائىرىلىرى يېڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى كېۋىن ماككارتىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ماككارتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى توقۇنۇشىدا بولۇۋاتقان ئارالنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ نارازىلىق بىلدۈردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur