UYGUR TV

31/3/2024 قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرى قىزىقىش قوزغىماقتا

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرى قىزىقىش قوزغىماقتا قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەرغىب قىلىش، ساقلاش ۋە ئۇنى يېڭى ئەۋلادلارغا ئۆگىتىش ئومۇمىي قىزغىنلىق شەكلىدە داۋاملاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى قىرغىزىستان ئاھالىلىرى ئارىسىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە. 26-مارت قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى بويىچە 4-نۆۋەتلىك ئۇسسۇل ماھارىتى دەرسى بۇنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسىدۇر. ئۇسسۇل ماھارىتىنى ئۆگىنىش دەرسى قىرغىزىستاندىكى «يۇلتۇز» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇلى ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى گۈلناز مەخسۇتوۋانىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلدى. گۈلناز خانىم شۇ ئۇسسۇل ماھارىتى دەرسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى قىرغىزىستاندىكى ئۇسسۇلچىلارغا ئاساسلىق ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. كانادانىڭ ئالتۇن شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك ئەيىبلەندى كانادانىڭ سودا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا «سۇلالە ئالتۇن شىركىتى»نى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، كانادا سودا ئەخلاقىنى نازارەت قىلىش ئورگىنى 26-مارت ۋانكوۋېرغا جايلاشقان سۇلالە ئالتۇن شىركىتىنى ئەيىبلەپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي ئىگىلىكىدىكى ئالتۇن كان شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنى ئىشلىتىشكە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتايغا قارشى ا ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسى قانۇن لايىھىسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلدى ۋاشىنگىتوندا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى جونى ئېرنىست ۋە جون فېتتېرمان ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئورۇنلارغا خام نېفىت سېتىشنى چەكلەشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى بىر لايىھە ئوتتۇرىغا قويغان. پەيشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان پارتىيە ھالقىغان قانۇن لايىھىسى خىتايغا ئېكسپورت قىلماسلىق شەرتى بىلەن خىتاي شىركەتلىرىگە خام نىفىت سېتىپ بېرىشكە يول قويۇلغان يوچۇقنى تاقاشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي قازاقىستاننى «بىر بەلۋاغ بىر يول يېڭى كارىدورى بەرپا قىلىشقا» چاقىردى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بېيجىڭدا خىتاي-قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتنىڭ تۇنجى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۆلىتىگە زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇرات نۇرتلېئۇنى، «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېڭى ئۇلىنىش كارىدورىنى بىرلىكتە قۇرۇشقا چاقىرغان. خىتاي ئامېرىكىدىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى خىتاي ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى «كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا تەييارلىق قىلىش» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۈندىدار ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا، بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يېقىندا ئامېرىكا ئايرودروملىرىدا «ساقچىلارنىڭ قانۇنسىز سوراق قىلىشى ۋە پاراكەندىچىلىكىگە» ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسى ۋە بۇ دۆلەتتىكى كونسۇلخانىلارنىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرىگە بۇ مەسىلىدە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلدى. تۈركىيەدە خەلق يەرلىك سايلامدا بىلەت تاشلىدى تۈركىيەدە خەلق بۈگۈن يەنى 31-مارت يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، سايلامدا 81 ئۆلكە، 973 رايون ۋە 390 يېزا-بازاردا شەھەر باشلىقى، شۇنداقلا 50 مىڭ 336 نەپەر مەھەللە باشلىقى سايلاپ چىقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسلىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ بۇ سايلامدا بەلگىلىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ سايلامدا تىزىملاتقان سايلىغۇچىلار 61 مىليون 441 مىڭ 882 نەپەر بولۇپ، 1 مىليون 32 مىڭ 610 ياش تۇنجى قېتىم بېلەت تاشلايدىكەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur