UYGUR TV

6/11/2023 شەرقىي تۈركىستان بارغانسېرى خىتاينىڭ «ھاياتلىق كاپالىتى» بولۇپ قالماقتا

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر شەرقىي تۈركىستان بارغانسېرى خىتاينىڭ «ھاياتلىق كاپالىتى» بولۇپ قالماقتا خىتاي ئۈچۈن ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن بىرى ئاشلىق مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ھەر يىلى چەتئەلدىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قامداپ كەلگەن. «ستاتىستىكا» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھازىر دۇنيا بويىچە بۇغداي ئىمپورت قىلغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. 2022-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا خىتاي ئىمپورت قىلغان ئاشلىقنىڭ مىقدارى 53 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان بىر قىسىم سىياسەتلەر دەل مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يېيىۋاتقانلىقى مەلۇم. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىللىق كۈزگى ھوسۇل يىغىش مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن ئاز دېگەندىمۇ 20 مىليون توننىدىن كۆپرەك ئاشلىقنىڭ توپلىنىشى نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەت نىشانلىرىدىن بولۇپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىدا بۇغداي ئۆستۈرۈش بىر مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاشلىق يۆتكەش ئۇيغۇر دىيارىدىن ئېنېرگىيە يۆتكەشكە ئوخشاشلا جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ شى جىنپىڭ-بايدېن ئۇچرىشىشىغا شەرت قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سان-فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنىدا ئۇچرىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئاقساراي ئاخبارات كاتىپى كارىن ژان پيېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايدىن ۋە شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكىنى تەكىتلىدى. خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي رېجىمى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ تەيۋەننى قوللاشتىن ۋاز كېچىشىنى، خىتايغا قارىتىلغان تېخنىكا ئىمپورتىغا بولغان چەكلىمىنى بىكار قىلىشىنى كېلەركى ئايدىكى بايدېن بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ شەرتى قىلغان. خىتاي مىلياردېرلىرى قېچىش ئۈچۈن پۇلىنى چەتئەلگە يۆتكىمەكتە خىتاينىڭ مىلياردېرلىرى پۇل-مۇئامىلە بېسىمى، سىياسىي ئېنىقسىزلىق ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ئائىلىسى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى چەتئەلگە يۆتكىمەكتە. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي بايلىرى ئۇزۇندىن بۇيان پۇلىنى چەتئەلگە يۆتكەشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. خىتايدا شەخسلەرنىڭ ھەر يىلى پەقەت 50 مىڭ دوللار دۆلەت سىرتىغا يۆتكىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما بايلارنىڭ ئەركىن مەبلەغ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خوڭكوڭدىكى پۇل ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ياكى نەق پۇلنى چەتئەلدىكى كارخانىلارغا يۆتكەش ئارقىلىق بولسۇن، پۇللىرىنى يۆتكەشنىڭ بىر قاتار رەسمىي ۋە بىرەسمىي ئۇسۇللىرى بار ئىكەن. ئاۋغۇستتا، شاڭخەي ساقچىلىرى كۆچمەنلەر مەسلىھەتچىلىكىدە ئىشلەۋاتقان بەش ئادەمنى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز تاشقى پېرېۋوت سودىسىغا قۇلايلىق يارىتىش گۇمانى بىلەن قولغا ئالغان. دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ساقچىلار «قانۇنسىز پۇل سودىسى دۆلەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇردى» دېگەن. خىتاي بىلەن روسىيە بىرلەشمە ئايروپىلان تۈرىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن ئىگىلىنىشىچە، خىتاي روسىيە بىلەن بىرلىكتە يولغا قويغان «CR929» يولۇچىلار ئايروپىلانى تۈرىنىڭ لايىھىلەش باسقۇچىدا يالغۇز داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرسەتمەكتە. تەرەپلەرنىڭ پايدا تەقسىماتتا بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە 2017-يىلى خىتاي ۋە روسىيە يولغا قويغان كەڭ گەۋدە ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئايروپىلانى تۈرى غەربنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن روسىيە ئاۋىئاتسىيە سانائىتىگە يۈرگۈزگەن جازاسى سەۋەبىدىن كېچىكىشكە دۇچ كەلگەن. خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ سابىق دېرىكتورى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىگىلىنىشچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ بىرى بولغان خىتاي سانائەت ۋە سودا بانكىسى (ICBC) نىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دېرىكتورى چۇڭ خۇڭلىغا چىرىكلىك گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈش باشلانغان. ئامېرىكىنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ بارغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئوخېئو دەرىجىلىك يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابى ئوتتۇرا شەرقكە ئەۋەتىلگەن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا: «2023-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئوخېئو دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە يېتىپ باردى» دېيىلگەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur