UYGUR TV

6/2/2024 دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزلدى بۇنىڭدىن 27 يىل بۇرۇنقى، يەنى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى زور ساندىكى غۇلجا ياشلىرى نۆلدىن تۆۋەن قەھرىتان سوغۇققا قارىماي كۆكرىكىنى كېرىپ مەيدانلارغا چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىنى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى نامايان قىلىشقان. بىراق ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى باستۇرۇشقا ئۇچرىغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى. گېرمانىيە، گوللاندىيە، بىلگىييە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، ئامېرىكىدا، تۈركىيەدە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ۋە نامايىشلار ئۆتكۈزلدى. گېرمانىيەنىڭ ميۇنخن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا، ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بريۇسسېلدا ۋە نيۇيوركتىكى دەۋر مەيدانىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئىلان قىلىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. قىرغىزىستاننىڭ جالالئابادا شەھىرىدە جەم بولغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئەزالىرى 5-فېۋرال غۇلجا شېھىتلىرىنى خاتىرىلەپ دۇئا تىلاۋەت قىلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى غۇلجا قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئىلان قىلدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. باياناتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1997-يىل غۇلجادا ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ «جىنايەت» دەپ قارىلىشى ۋە چەكلىنىشى بۈگۈنكى كۈندىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ باشلىنىشى. خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتى تۇيۇقسىز چىققان ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋە خىتاينىڭ كونتروللۇقى سىرتىدىكى ھەر قانداق ئاممىۋى ئېقىمنى، ئاممىۋى پائالىيەتنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشىنىڭ ئۇزۇن يىللىق نەتىجىسى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتەك ۋەھشىي ئۇسۇلنى قوللاندى. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ دەسلەپكى يىللاردىلا باشلىغان بۇ قەبىھ مىللىي قىرغىنچىلىقىدىن ساۋاق ئېلىشى، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ھېساب سورىشى كېرەك ئىكەن. خىتاي ئاۋىستىرالىيەلىك يازغۇچى ياڭ خېڭجۈنگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى بىر سوت مەھكىمىسى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن 5 يىل ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان ئاۋىستىرالىيەلىك يازغۇچى ياڭ خېڭجۈنگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. ئاۋىستىرالىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ جازا كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى يىلدىن كېيىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتايدا دۆلەت مەسىلىسى ھەققىدە بىلوگ يازغان ئاكادېمىك ۋە رومان يازغۇچىسى ياڭ ئۈچ يىل داۋاملاشقان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئاشكارا ئېلان قىلىنمىغان ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلغان. تاشقى سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ ئىش ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان جىددىيلىك تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. قازاقىستان كاسپىي دېڭىزى لىنىيىسىدىكى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى ئۈچ مىليون توننىغا يەتكۈزىدۇ قازاقىستان ئىككى يىل ئىچىدە كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان لىنىيىدىكى نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى 3 مىليون توننىغا يەتكۈزىدۇ. 2023-يىلى كاسپىي دېڭىزى لىنىيىسىدە 1 مىليون توننا نېفىتنىڭ توشۇلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2024-يىلى 1 مىليون 500 مىڭ توننا نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ۋېنگىرىيە: ئورباننىڭ پارتىيىسى شىۋىتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىش ئىلتىماسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىنى بايقۇت قىلدى ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنتنىڭ شىۋىتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش تەكلىپى ھەققىدە بىلەت تاشلاش ئېلىپ بارىدىغان جىددىي يىغىننى بايقۇت قىلدى. ئالتە ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنتتىكى يىغىننى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ بايقۇت قىلىشى بىلەن بۇ مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنمىغان. ئىسرائىلىيەنىڭ بايقۇت قىلىشى سەۋەبىدىن ماك دونالىدنىڭ كىرىمى تۆۋەنلىگەن خەۋەر قىلىنىشىچە، ئوتتۇرا شەرقتىكى زىددىيەتلەر شىركەتنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، ئامېرىكا رېستوران زەنجىرى ماكدونالدنىڭ كىرىمى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە بازار مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولغان. شىركەت باياناتىدا، تۆتىنچى پەسىلدە ئۇرۇش بەزى چەتئەل بازارلىرىغا «مەقسەتلىك تەسىر كۆرسەتتى» دېگەن. تۈركىيەدە ئۆتكەن يىلى يەر تەۋرەشتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار كوچىدا كېچىنى ئۆتكۈزدى تۈركىيەدە ئۆتكەن يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى يۈز بەرگەن ۋە 11 ئۆلكىدە كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلغان يەر تەۋرەشنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار خاتىرىلەندى. 2023-يىلى 6-فېۋرال يۈز بەرگەن قەھرىمانماراشنى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۆلكىلەردىكى پۇقرالار يەر تەۋرەشنىڭ خاتىرە كۈنىدە كېچىنى كوچىلاردا ئۆتكۈزدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur