UYGUR TV

6/4/2024 ۋولكېسۋاگوننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خىتاي بازىرى ھەققىدە توختالدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى يېنىدا ئىپتار ئۆتكۈزۈلدى 1990-يىلى 5-ئاپرېل يۈز بەرگەن بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 34 يىللىقىنى، شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، مۇبارەك رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەش جىنايەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا «بارىننى ئۇنتۇمايمىز، روزا تۇتۇشتىن ۋاز كەچمەيمىز» تېمىسدا نامايىش ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىدا ئالدى بىلەن بىرلىك رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. بارىن ئىنقىلابىنىڭ 34 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى 5-فېۋرال ئەنقەرەدە خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى فوندى جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فوندى جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ خاتىرىلەش يىغىنىغا سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى، ژۇرنالىستلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، ئاكادېمىكلار، ئەزەربەيجان ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن مۇھىم مېھمانلار قاتناشتى. ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىلدى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى تەشكىلاتى 4-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەبىھ جىنايەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش، ئۇنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھەم ئەخلاقىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان. باياناتتا تەكىتلىشىچە، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر قەبىھ جىنايەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ئۇنىڭ قايسى جايدا يۈز بەرگەنلىكىگە قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتى مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمۇۋاتقان ياكى خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاشكارا قوللاپ، بۇ مەسىلىنىڭ ب د ت دا مۇزاكىرە قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. ئامېرىكا: خىتاي ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا ھەربىي ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئاشۇردى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئوكيان قوماندانى گېنېرال چارلېز فىلېن ئۆزىنىڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ پۈتكۈل رايوندىكى «ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشى» دىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېنېرال فىلېن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلغان. فىلېن مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئارمىيىسى ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئاشۇردى. ئۇ ھازىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش ۋە ھەربىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش يولىغا قەدەم قويدى». يېلېن خىتاي زىيارىتى جەريانىدا «ئىھتىياجدىن كۆپ ئىشلەپچىقىرىش» مەسىلىسىنى تەكىتلىدى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنا ۋە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتىدە، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان گۇاڭجۇ شەھىرىدە ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. يېللېن يىغىن جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ساغلام ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزمەكچى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ۋولكېسۋاگوننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خىتاي بازىرى ھەققىدە توختالدى ئاممىباب يەنى ۋولكېسۋاگون شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئولىۋېر بىلۇم خىتايدىكى بازار ئۈلۈشى ئۈچۈن «غايىۋى» نىشانىنى بېكىتىشتىن ساقلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى، كەسكىن رىقابەتنى كۆزدە تۇتۇپ ،% 10 تىن يۇقىرى ھەر قانداق نىسبەتنىڭ «ئەھمىيەتلىك» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئولىۋېر بىلۇم جۈمە كۈنى گېرمانىيە FAZ گېزىتىگە شىركەتنىڭ خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنا بازىرىدىكى ئورنى ھەققىدە باھا بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتايدىكى ئومۇمىي بازار ئۈلۈشى 2018-يىلدىكى% 18 تىن بۇلتۇرقى% 14 كە چۈشۈپ قالغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇكرائىنا پۇتىن ۋە رۇسىيە ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە سوت ئىزدەيدۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە روسىيەنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرى سوتلىنىدىغان ئالاھىدە سوت تەسىس قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە كومىسسارى دىدىئېر رېيندېرس: «كېيىنكى قەدەم سىياسىي ئىرادە مەسىلىسى» دېدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur