UYGUR TV

7/2/2024 خىتاي ساقچى پونكىتلىرى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي ساقچى پونكىتلىرى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى خىتاي خەلقئارا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا خەلقنى باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان ئاتالمىش «قانۇن خىزمەت پونكىتى»نىڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدە جار سالدى. خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى 3-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 1-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى، مۇئاۋىن رەئىسى چېن جۇڭكۈەن مۇخبىرغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرۇپ: «ئاپتونوم رايونىمىز 300 دىن ئارتۇق قانۇن خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ دەۋا تەلىپى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ئورۇنلارغا ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنى ئىشچى-قانۇن بويىچە ماسلاشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، پىسخىكا ساغلاملىقى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى» دەپ بىلجىرلىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ مۇكاپاتنىڭ نامزاتلىقىغا 2-قېتىم كۆرسىتىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، كانادا پارلامېنت ئەزاسى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالېكسىس برۇنېل دۇكىپ بىلەن ئىتالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئىتالىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇلىيو تېرزى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا سۇنغان. خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقچى بولغان خىتاينىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەزەرىيەۋى ئەپكارى بولغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە دائىر پىكىر، مۇنازىرە ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى تەكىتلىگەن. ماقالىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپىدىن كېلىدىغان «خەتەر» نىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، «ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيەت مېخانىزمى» نى ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز چوقۇم ‹ئۈچ خىل كۈچلەر›نىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك نەشرىيات بۇيۇملىرىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك». ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىقتىسادىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىقتىسادىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆرۈشۈپ، ئىقتىسادىي خىرىس ۋە ئۇلارغا قارشى ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىن ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي سانائەت سىياسىتى ئەمەلىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىشچىلىرى ۋە شىركەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا، 5-6-فېۋرال كۈنلىرى ئېچىلغان يىغىننىڭ 2024-يىلى ئىقتىسادىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى يىغىنى ئىكەنلىكى ۋە تۇنجى قېتىم خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خىتايدىكى بىر بانكا رۇسىيە بىلەن بولغان سودىسىنى توختاتقان خىتاينىڭ روسىيە ئىمپورت سودىگەرلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئاساسلىق بانكىلىرىدىن بىرى بولغان چوجۇ بانكىسى سودا پائالىيەتلىرىنى توختاتقان. خەۋەر قىلىنىشىچە، چۇجۇ سودا بانكىسى خېرىدارلىرىغا رۇسىيە بىلەن بولغان سودىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. گېزىت مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بانكا باشقۇرغۇچىلىرى ئالدىنقى ھەپتە خېرىدارلارغا بېلورۇسىيە ياكى روسىيە شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرى بىلەن سودا قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بىر مەنبە گېزىتكە مۇنداق دېگەن: «دۆلەت سىستېمىسى ئارقىلىق پۇلنىڭ يۆتكىلىشى ئامېرىكىلىقلار ياكى ياۋروپالىقلارغا كۆرۈنمىسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى غەربتىكى كەسىپداشلارنىڭ بانكىدىن تەلەپ قىلالايدىغان دوكلاتىدا ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ». #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur