UYGUR TV

7/5/2024 ئون مىڭ خىتاي ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئون مىڭ خىتاي ئون مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» دائىمىي كومىتېتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، 10 مىڭ كومپارتىيە ئەزاسى خىتاينى 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتايلاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى» دائىمىي كومىتېتى شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 30-ئاپرېل ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» تەشۋىقات-لېكسىيەسى سەپەرۋەر قىلىش-تەربىيەلەش يىغىنى ئاچقان. گوللاندىيەدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ۋە كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى 4-، 5-ماي كۈنلىرى گوللاندىيەنىڭ زايست شەھىرىدە ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ۋە كىتاب يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يەرلىك خەلق ۋە باشقا دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر زىيارەت قىلدى. يەرمەنكىنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان يەرلىك خەلقلەر، ئۇيغۇرلاردىن باشقا، قوشنا دۆلەتتىن كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇندىن باشقا يەرمەنكىنى زايست شەھىرىنىڭ يېڭى سايلانغان شەھەر باشلىقى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قازاقىستاندا ۋەتەننى قوغدىغۇچىلار كۈنى تەبرىكلەنمەكتە بۈگۈن يەنى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، قازاقىستاندا ۋەتەننى قوغدىغۇچىلار كۈنى تەبرىكلەندى. 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى ۋە قازاقىستان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى نۇرسۇلتان نازاربايېف مىللىي قوراللىق كۈچ قۇرۇش توغرىسىدا پەرمان ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ كۈن كېينچە بايرام قىلىپ بېكىتىلگەن. خىتايدا بىر دوختۇرخانىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 2 ئادەم ئۆلگەن، 23 ئادەم يارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 13.20 ئەتراپىدا خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى جاۋتوڭ شەھىرىدىكى جېنشيوڭ خەلق دوختۇرخانىسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 2 ئادەم قازا قىلغان، 23 ئادەم يارىلانغان. ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئىلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن باشقا تەپسىلاتلار ئاشكارىلانمىدى. خىتاي بىلەن فرانسىيە ئارىسىدا نۇرغۇن ساھەدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان خىتاي بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ساھەدە 20 گە يېقىن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان. شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن پارىژدىكى ئېلىسې سارىيىدا فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۆھبەت نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، سۈنئىي ئىدراك، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، دېڭىز ۋە دېھقانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە تۆت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان. ماكرون خىتاي بىلەن ئاۋىئاتسىيە، ئالەم ۋە يادرو ئېنېرگىيىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ يىلقى خىتاي-فرانسىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلىنى بىرلىكتە تەشكىللەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار نامايىش قىلىپ، ماكروندىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئەنگىلىيە ئېنېرگىيە شىركىتى خىتايدىن ئايرىلغان ئەنگىلىيە ئېنېرگىيە ماگناتى شېل ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتايدىكى سودا مۇھىتىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىققان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مەزكۇر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق خېتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، Shell ئېنېرگىيە شىركىتى خىتايدىكى ئېنېرگىيە زەنجىرىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغان. شىركەت باياناتچىسى نېفىت، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىتايدىكى بارلىق سودا پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تاللاپ مەبلەغ سالىمىز ھەمدە كۈچىمىزدىن قىممەت يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز، بۇ قىيىن تاللاشنى تەلەپ قىلىدۇ». ئاۋسترالىيە خىتاينىڭ خەتەرلىك ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى ئاۋسترالىيە خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا خەتەرلىك ھالدا يورۇتۇش بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur