UYGUR TV

8/2/2024 خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتيىى يىغىنىدا چوڭ يالغانچىلىق

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتيىى يىغىنىدا چوڭ يالغانچىلىق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ قانۇنلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلغان ۋە زۇلۇم قىلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاتالمىش خەلق قۇرۇلتىيى 2-قېتىملىق يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى بەش تۈردە كىشىلىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى دەۋا قىلىش ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھاكىمىيىتى «13. بەش يىللىق پىلان» دائىرىسىدە، 2018-يىلىدىن باشلاپ ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى چەكلەپ، مىڭلىغان مەسچىتنى بۇزۇپ تاشلىغان ۋە دىنىي ئېتىقادنى ئاياق ئاستى قىلغان ئىدى. كېيىنچە بۇ باستۇرۇشلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان رايونلىرىغىمۇ كېڭەيگەن بولۇپ، ئاتالمىش ئەرەبلىششىكە قارشى تۇرۇش نامىدا، مەسچىتلەر چېقىلدى ياكى شەكلى ئۆزگەرتىلدى. گېرمانىيەنىڭ بىر خىمىيەلىك مەھسۇلات شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىشكە چاقىرىلغان گېرمانىيە تاراتقۇلىرى 2-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ خىمىيەلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى BASF شىركىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سىياسەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا BASF شىركىتىنىڭ دىرېكتورىغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرغان. 5-فېۋرال كۈنى 30 نەچچە سىياسەتچى ئىمزا قويغان بىرلەشمە مەكتۇبتا مۇنداق دېيىلگەن: «گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان مەلۇماتقا قارىغاندا، BASF شىركىتى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاشۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى خورلاش پائالىيىتىگە قېتىلغان. بىز بۇ شىركەتنى شىنجاڭدىن چېكىنىپ چىقىشقا چاقىرىمىز. شىركىتىڭىزنىڭ ئىناۋىتى تۆكۈلۈشتىن ئىلگىرى كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇ جايدىن چېكىنىشىڭىزنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمىز». «ياپونىيەنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى خىتاي تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى» 2020-يىلى خىتاينىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قىلغان تور ھۇجۇمىدا ياپونىيەگە تەۋە مەخپىي دىپلوماتىك ھۆججەتلەرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ كابىنېت مەنبەلىرىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى باش مىنىستىر ئابى شىنزو دەۋرىدە خىتايدىن كەلگەن كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىنى بايقىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتىك ھۆججەتلىرى ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا، مەزمۇننىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنىڭ ئاشكارىلانمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ ئۇچۇرنىڭ مىنىستىرلىق بىلەن چەتئەلدىكى دىپلوماتىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىسىدىكى مەخپىي تېلېگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان ئۇل ئەسلىھەنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈردى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ۋولت تەيفېڭ بورىنى» دەپ ئاتالغان بىر تۈركۈم خىتاي خاككېرلىرى يېقىنقى بەش يىلدا ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىنى نىشانلىغان. ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىك ئىدارىسى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ۋە قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىغا قارىغاندا، بۇ خاككېرلار ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈر يول، ئاممىۋى قاتناش، تاشيول، دېڭىز ۋە تۇرۇبا يولى ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تورلارغا سىڭىپ كىرگەن. ئەزەربەيجاندىكى سايلام: پرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېف غەلبىسىنى ئېلان قىلدى ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا ھازىرقى پرېزىدېنت ئىلھام ئالىيېف غەلبە قىلدى. مەركىزى سايلام ھەيئىتىنىڭ رەئىسى پېناخوۋ ئەلىيېفنىڭ% 92.1 بېلەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ سايلامدا غەلبە قىلغان ئالىيېف يەنە يەتتە يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. پاكىستاندا سىياسىي ئىشخانىلارغا قارىتىلغان بومبا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن كىشى ئۆلگەن ئومۇمىي سايلامدىن بىر كۈن بۇرۇن، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇچىستاندىكى سىياسىي پارتىيە ئىشخانىلىرىغا قارىتىلغان بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغان ھۇجۇملار بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر تەرىپىدىن دېگۈدەك ئەيىبلەندى. رايونلۇق ۋالىي ھۇجۇمدىن كېيىن ئۈچ كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى، ئەمما سايلامنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur