UYGUR TV

8/3/2023 ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى تۈرك شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى تۈرك شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىنى سۇندى. تۈرك باياناتىدا، ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىز قوغلاشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن «ئالاقە يولى» ئاچقانلىقىنى ئېيتتى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ 8-ئايدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئائىلىنى ئايرىش قاتارلىق ئېغىر ئەندىشىلەرنى خاتىرىلىگەنلىكىنى بايان قىلغان تۈرك «كونكرېت ئىز قوغلاش» نى تەلەپ قىلدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر لار ۋە رايوندىكى باشقا گۇرۇپپىلارغا قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىنغان دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان ئىدى. يازغۇچى كېرىمنىڭ ئون توققۇز يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى ئاتۇش شەھەرلىك 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى سېتىۋالدى كېرىمنىڭ 19 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، سېتىۋالدى كېرىم شەرقىي تۈركىستاندا سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار ساۋۇتنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشى بىلەن تۈزۈلگەن «ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى» يېڭى دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ئوقۇتۇلىشىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان ۋە بۇ ھەقتىكى تەسىراتىنى بايان قىلىپ، «مېنىڭ يېڭى دەرسخانام» ناملىق كىتاب يازغان ئىكەن. كانادا خىتاينىڭ سايلامغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش باشلىغان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو مۇستەقىل ئالاھىدە مۇپەتتىشنىڭ خىتاينىڭ يېقىنقى سايلامغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەر قىلىنىشىچە، تەيىنلىنىدىغان تەكشۈرگۈچى مۇپەتتىش 2019-ۋە 2021-يىلدىكى فېدېراتسىيە سايلىمى توغرىسىدىكى مەخپىي دوكلاتلارنى تەكشۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى سايلامغا تەۋسىيە بېرىدىكەن. شى جىنپىڭ ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ خىتاي خەلق خەلق قۇرۇلتىيى 14-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا يەر شارى ئىقتىسادى ۋە جۇغراپىيىلىك سىياسىتىدە رىقابەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكىنى بىۋاسىتە ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى قىلغان. خىتاي ئامېرىكىنى «يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان توقۇنۇش» تىن ئاگاھلاندۇردى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئەگەر ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۆزگەرمىسە، بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا «توقۇنۇشنىڭ مۇقەررەر» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. چىن گاڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى رەسمىي باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. چىن گاڭ يەنە ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى شار كىرىزىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك ئەيىبلىگەن. پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ھۇجۇم خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىن مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 6 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن، 26 ئادەمنى يارىلاندۇرغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur