UYGUR TV

9/11/2023 خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىك موسكۋادا زىيارەتتە بولغان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» ناملىق فىلىم ۋاشىنگتوندا تۇنجى قېتىم قويۇلدى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن «شاۋقۇن-سۈرەن» فىلىمىنىڭ ئامېرىكىدىكى تۇنجى قۇيۇلۇش مۇراسىمى 5-نويابىر ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. فىلىمدە باش پېرسوناژ جەۋھەر ئىلھام خەلقئارا جەمئىيەتكە دادىسى ئىلھام توختىنىڭ 2014-يىلى ئاتالمىش «بۆلگۈنچى» دېگەن باھانە بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش جەريانىنى تونۇشتۇرغان بولسا، ئون نەچچە ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ئارقىلىق بۇنداق ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زور كۆپ سانلىق ئۇيغۇر ئائىلىسىدە يۈز بەرگەنلىكى ھەمدە يۈز بېرىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقنى ۋەھشىي باستۇرۇۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى 2018-يىلى باشلانغان بولۇپ، فىلىم ئۈچۈن ئۇلار تۈركىيە، قازاقىستان، نورۋېگىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بارغان ۋە ئۇ يەردىكى يۈزلىگەن گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىتلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. فىلىم نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەم شۇنداقلا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ، فىلىمدا يەنە، قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، مېھرىگۈل تۇرسۇن، تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋە قازاق پائالىيەتچى ئاينا شورمانبايېۋ قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرىمۇ ئورۇن ئالغان. خىتايدا بانكىرلار ئارقا-ئارقىدىن تەكشۈرۈلمەكتە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ بىرى بولغان خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ خۇڭلىغا چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈش باشلاندى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ بىرى بولغان خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ خۇڭلىغا چىرىكلىك گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈش باشلانغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، جاڭ خۇڭلىنىڭ «قانۇن ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل جېشاڭ بانكىسىنىڭ سابىق مۇدىرىيەت رەئىسى شىن رىنكاڭغا 7-فېۋرال، خىتاي بانكىسىنىڭ سابىق رەئىسى ليۇ ليەنگېغا 31-مارت، مىنشېڭ بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى شىڭ بېنشيۇغا 13-ماي چىرىكلىك تەكشۈرۈشى باشلانغانىدى. خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال داۋاملىق تۆۋەنلىمەكتە خىتايدا ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى ۋە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ توختاپ قېلىشى پۇل پاخاللىقى خەۋىپىگە بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە. خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردە دۆلەت ئىچىدىكى ئىستىمال باھا كۆرسەتكۈچى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلدى. ئۆكتەبىردە، ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا% 0.2، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى % 2.6 تۆۋەنلىگەن. خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىك موسكۋادا زىيارەتتە بولغان خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوشىيا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋا زىيارىتى دائىرىسىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشكەن. پۇتىن يىغىندا قىلغان سۆزىدە: «بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىمىز خەلقئارا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئىجابىي ۋە مۇھىم ئامىل» دېگەن. ئۇ يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتىمۇ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. تۈركىيە-خىتاي كىلاسسىك نادىر ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئەنقەرەدە كىلاسسىك نادىر ئەسەرلىرىنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ گاڭ تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى نادىر ئالپ ئارسلان بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەدە «خىتاي ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ كىلاسسىك نادىر ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلىش توغرىسىدىكى ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالىغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ نەشرىياتچىلىق ساھەسى، مەدەنىيەت ساھەسى، ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ خىتاي-تۈركىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۈلگە ئېلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur