UYGUR TV

9/2/2024 خىتاي خاككېرلىرى گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تور ھۇجۇمى قىلغان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىگە قاراتقان قىزىل تەشۋىقاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى ھەرگىزمۇ يوقىتالمايدۇ» خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ سۈرئىتى قەدەممۇ-قەدەم تېزلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شىنجاڭ بابىنى يېزىش» ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چاقىرغان. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا» تورىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى كۆزلەپ، خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى يارىتىش كېرەك» دېگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگە قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي چاقىرىقلىرى، شۈبھىسىزكى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەم ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نامىدىكى تەشۋىقاتىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە تەدرىجىي كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شائىرە راھىلە كامال خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. راھىلە كامال خانىم نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ھاياتىي كۈچىنى ئەسلا يوقاتمىغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ ھامان بىر كۈنى قايتا گۈللىنىشكە ئېرىشىدىغانلىقىنى؛ ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە مىللىي تەپەككۇرىنىڭ ئۇچقۇنلىرى ئۆچمەيدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت مېۋىلىرىنىڭ ھامان بىخ سۈرۈپ چىقىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. مىكروسوفت توردىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆچۈرگەن بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك شىركەت مىكروسوفت توردا ئىزدەش ماتورىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆچۈرگەن. NYP تەتقىقات ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پەن-تېخنىكا ماگناتىنىڭ Bing ئىزدەش ماتورىدا خىتاي ۋە ئامېرىكىلىق ئابونتلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، بىڭ ئىزدەش ماتورىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئىزدىگەندە، خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال خۇرام ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى چىققان.ئامېرىكىدا بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك بايراق رەڭگىدە ماسكا تاقاپ خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي خاككېرلىرى گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تور ھۇجۇمى قىلغان گوللاندىيەدىكى ئىككى ئاخبارات ئورگىنى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، دۆلەت قوللىغان خىتاي خاككېرلىرىنىڭ بۇلتۇر گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىچكى كومپيۇتېر تورىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى ئاشكارىلىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوللاندىيە ھەربىي ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى ۋە باش ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى ناملىق ئىككى ئورگان خاككېرلارنىڭ مىنىستىرلىق تورى ئىچىدىكى پائالىيىتىنى يوشۇرىدىغان مۇرەككەپ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنى ياساپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان. گازپروم خىتايغا تەبىئىي گاز توشۇش رېكورتىنى بۇزدى روسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى «گازپروم»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇرۇبا يولى ئارقىلىق خىتايغا تەبىئىي گاز توشۇشنىڭ كۈندىلىك مىقدارى رېكورتى بىر يىل ئىچىدە ئالتىنچى قېتىم بۇزۇلغان. روسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، سىبىرىيە قۇۋۋىتى تۇرۇبا يولىنىڭ كۈندىلىك توشۇش مىقدارىنىڭ داۋاملىق توختامدىكى مەجبۇرىيەتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باياناتتا، سىبىرىيە تۇرۇبا يولى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ھەمبەھىرلەنمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، گازپروم 2023-يىلى 22 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى خىتايغا توشۇغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن: غەززەدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر بار، بۇ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنىڭ «چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى» ئېيتتى ۋە «غەززەدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر بار، بۇ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېدى. لېكىن بايدىن ئارقىدىنلار يەنە مىسىر رەھبىرى ئابدۇل فاتتاھ ئەل سىسى ئۈچۈن «مېكسىكا پرېزىدېنتى» دەپ جۆيلىدى. بايدىن: «مېكسىكا پرېزىدېنتى سىسى دەسلەپتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشنى خالىمىدى، ئەمما مەن ئۇنى قايىل قىلدىم ۋە نېتانياھۇنى قايىل قىلدىم». دېدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur