UYGUR TV

03/08/2022 خىتاي جازانىڭ تەمىنى تېتىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلدى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلوسى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي 2-ئاۋغۇست كەچقۇرۇندا تەيۋەنگە بېرىپ، زىيارىتىنى باشلىۋەتكەن. ئۇ تەيۋەنگە چۈشكەندە بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ مەقسەت-نىشانىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان. نەنسىي پېلوسىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى 2-ئاۋغۇست كۈنى تەيۋەنگە مېڭىشنىڭ ئالدىدىلا خىتاي تەرەپ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرىنى تەيۋەن ئەتراپىغا ئەۋەتىپ قاتتىق ھەيۋە كۆرسەتكەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ھەربىي تەييارلىق كۆرگەن. بۇنىڭ بىلەن نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشقا پىلتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دېگەندەك تەخمىنلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پېلوسى تەيۋەن پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى ۋە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشتى. خىتاي جازانىڭ تەمىنى تېتىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى يولغا قويغان ئېمبارگو ھەمدە ئالاقىدار سىياسەتلەر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمەكتە. بۇ ئىشلاردىن بىئارام بولغان خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى بۇ ھەقتە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك دوكلات ۋە سىياسەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى كوزىر قىلىپ خىتاينى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ نوپۇسى ئازىيىۋاتىدۇ خىتاينىڭ دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى 2025-يىلغا بارغاندا نوپۇسىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى دوكلات قىلدى. مەلۇم بولغىنىدەك، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان خىتايدا تۇغۇشقا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كوممۇنىست ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە-ئەزەربەيجان-ئۆزبېكىستان مىنىستىرلىرى تاشكەنتتە ئۇچراشتى تۈركىيە-ئەزەربەيجان-ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار، سودا ۋە قاتناش مىنىستىرلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشى تۈنۈگۈن ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، كاسپىي دېڭىزى شەرق-غەرب مەركىزى كارىدورى قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ئاخىرىدا، تۈرك دۇنياسىنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان «تاشكەنت خىتابنامىسى» ئىمزالاندى. يېڭى زېلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا تىكتوك ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش يېڭى زېلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىشىدىن ئەنسىرەپ تىكتوكنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئالدىنقى ھەپتە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ترېۋور ماللارد ھەر قايسى پارتىيەلەرگە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنتتا ئىشلىتىدىغان تېلېفونى ۋە ئۈسكۈنىلىرىدە بۇ ئەپنى ئىشلەتمەسلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئەۋەتكەن. ئېلخەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇنداق قىلىش ئۈسكۈنىڭىزدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى خىتاي شىركىتى ۋە ھۆكۈمىتى ھۆكۈمىتى زىيارەت قىلالايدىغان بىخەتەرلىك خەۋىپى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن». ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنس ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتى ھەققىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى. ئىگىلىنىشچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شيې فېڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسى بۇرنىسنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا جىددىي چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئامېرىكىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچقانلىقى ئېلان قىلىندى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur