UYGUR TV

04/08/2022 خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە تەڭرىتاغ تورىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۈنلىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغان. ئۇ تەكشۈرۈش داۋامىدا: «باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش-پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مول تارىخىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان. يېقىندىن بېرى خىتاي يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى» كۈچەيتىش قاتارلىق رەزىل پىلانلىرىنى تەكىتلەپ، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ كەلدى. چاۋۇشوغلۇ بىلەن ۋاڭ يى كامبودژادا كۆرۈشتى خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ كامبودژادا ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى-تۈركىيە تارماق دىئالوگ ھەمكارلىق ئۈچ تەرەپ يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. چاۋۇشوغلۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا: «بىز ئۇيغۇر تۈركلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزدۇق» دېدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى تەيۋەننى قارشىلىق ئارىلى دەپ تەسۋىرلىدى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى تەيۋەن زىيارىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە پرېزىدېنت سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پېلوسى تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ، تەيۋەننى «قارشىلىق ئارىلى» دەپ تەسۋىرلىدى. تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن پېلوسىغا دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ 27 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەننىڭ «ھاۋا مۇداپىئە رايونى» غا كىرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. خىتايدا يەسلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى: ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار بار خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جياڭشى ئۆلكىسىدە بىر يەسلىدە پىچاقلىق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، 6 ئادەم يارىلانغان. دۆلەت تاراتقۇلىرى جىنايەت گۇماندارىنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدەش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلانغان. قىرغىزىستان بىلەن پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا جايلاشقان دېڭىز قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاندى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاخبارات مەركىزىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى نايېف فالاھ مۇبارەك ئەل ھەجرەف ئەزەربەيجان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە زىيارەتتە بولدى. ناتو كوسوۋودا ھەر قايسى تەرەپلەرنى دىئالوگقا چاقىردى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ: سېربىيە-كوسوۋو ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى تەرەپلەر دىئالوگ ئورنىتىشى كېرەك، دېدى. ستولتېنبېرگ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا قىلغان باياناتىدا، سېربىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇچىچ بىلەن كوسوۋونىڭ شىمالىدىكى جىددىيلىك توغرىسىدا تېلېفونلاشقانلىقىنى بايان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur