UYGUR TV

05/08/2022 لوپنۇردا خىتاينىڭ يېڭى يادرو سىناق نۇقتىسى بايقالغان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر لوپنۇردا خىتاينىڭ يېڭى يادرو سىناق نۇقتىسى بايقالغان خەۋەر قىلىنىشىچە، مۇتەخەسىسلەر سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. قۇرۇپ كەتكەن لوپنۇر كۆلى بوشلۇقىدىن تارتىلغان بىر سۈرەتتە يېڭى بىنانىڭ ئىزلىرى بايقالغان بولۇپ، تەھلىلچىلەر بۇنى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى كونترول قىلغان مەخپىي يادرو سىناق قىلىش بازىسى دەپ قارىغان. ئامېرىكا يەر بوشلۇقىنى ئانالىز قىلىش شىركىتىدىكى بىر مۇتەخەسىس مۇنداق دېگەن: «خىتاي خالىغان چاغدا يادرو سىناقلىرى قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى توك يوللىرى بىلەن قاتناش يوللىرى سىستېمىسى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىدىكى يادرو سىناق ئەسلىھەلىرى بىلەن شەرقىدىكى يېڭى سىناق رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ بولغان». خىتاينىڭ نۇرغۇن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تەيۋەن ھاۋا تەۋەلىكىگە چۈشتى تەيۋەن بوغۇزىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتى بىلەن پەيدا بولغان جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تۈنۈگۈن چۈشتە خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىلغان نۇرغۇن دوڭفېڭ ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارالنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە غەربىي جەنۇبىغا چۈشۈپ كەتكەن. باياناتتا: تەيۋەن قوراللىق قىسىملىرى نازارەت قىلىش ۋە رازۋېدكا قىلىش قوراللىرى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى بايقىدى ۋە مۇداپىئە سىستېمىسىنى قوزغاتتى، دېيىلگەن. % 23 غەرب شىركەتلىرى تىجارىتىنى خىتايدىن يۆتكەشنى ئويلاشماقتا دۇنيانىڭ زاۋۇتى دەپ ئاتالغان خىتاي ھازىر بۇ ئالاھىدىلىكىنى يوقاتماقتا. خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتايدىكى ھەر تۆت غەرب شىركىتىنىڭ بىرى تىجارىتىنى كۆچۈرۈشنى ئويلاشماقتا. بۇ شىركەتلەرنىڭ يېرىمى ھازىر خىتايدا سودا قىلىش تېخىمۇ سىياسىيلاشتى دەپ قارايدىكەن. بۇ يۈزلىنىش ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ 6-ئايدىكى تەكشۈرۈشىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ قاتتىق ۋىرۇس تەدبىرلىرىمۇ خەلقئارالىق شىركەتلەرنى ئەندىشىگە سالغان. يەتتە دۆلەتتىن چاقىرىق: تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش كېرەك خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا مانېۋىر باشلىغاندىن كېيىن G7 دۆلەتلىرى بېيجىڭنى رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا چاقىردى. 7 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «بىز تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئورتاق ۋەدىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز». نەنسى پېلوسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورىيە چېگراسىنى زىيارەت قىلدى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلغان تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن كورېيەگە كەلدى. پېلوسى زىيارىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيەنىڭ چېگرىسى بولغان كورېيە بىتەرەپ رايونىنى زىيارەت قىلدى. قازاقىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە ئاققۇيۇ يادرو ئىستانسىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى قانۇن چىقىرىش ۋە ئىجرائىيە ئورگانلىرى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تۈركىيەنىڭ ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur