UYGUR TV

06/08/2022 خىتاي بۇ يىل 37 مىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈردى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى: بىز تەيۋەنلىكلەرنى قايتا تەربىيىلەيمىز مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش مەركىزى نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قويغان خىتاي تەيۋەنلىكلەرنىمۇ قايتا تەربىيىلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. فرانسىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې تەيۋەنگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەيۋەن خەلقىنىڭ مېڭىسىنىڭ يۇيۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان لۇ مۇنداق دېدى: «بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن، بىز ئۇلارنى قايتا تەربىيىلەيمىز. ئىشىنىمەنكى، ئۇ ۋاقىتتا تەيۋەن ئاھالىلىرى يەنە بىرلىشىشنى قوللايدۇ. تەيۋەنلىكلەر يەنە ۋەتەنپەرۋەر بولىدۇ». خىتاي بۇ يىل 37 مىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈردى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى دائىرىسى ئىچىدە ئاققۇن خىتايلارنى كۆچۈرۈشنى داۋام قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يۇرتلىرىدىن خىتايغا سۈرگۈن قىلغان. خىتاي بۇ قېتىم ئاتالمىش «غەربىي رايون پىدائىيلىرى» نامىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە 2022-يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 36 مىڭ 700 نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتاينى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتكە يولغا سالغان. ئامېرىكا ۋە ياپونىيە: تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا قوشۇلدى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى سىنگاپور، مالايسىيا، تەيۋەن ۋە كورېيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ياپونىيەدە باش مىنىستىر كىشىدا بىلەن كۆرۈشتى. پېلوسى ۋە ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تىرىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننىڭ سۇچىدىكى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا: «سۈرىيىدىكى بارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى تۇرۇشتا ئىتتىپاقلىق ۋە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىرادىسى ئىسپاتلاندى» دېيىلدى. ئەردوغان بىلەن پۇتىن تۈركىيە-روسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ كېلەر قېتىملىق يىغىنىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ «ھەربىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى -2022» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئۆزبېكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىدىكى تىرمىز رايونىدا باشلاندى. ئۆزبېكىستاننىڭ غەربىي جەنۇب ھەربىي قىسمىنىڭ قوماندانى زەينابىددىن ئىمىنوف ۋە تاجىكىستان باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاراف ئېگامزادمۇ قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىق تېمىسى بولغان مانېۋىرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلدى: قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئادەم قازا قىلدى، 55 ئادەم يارىلاندى. پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 ياشلىق بالا ۋە 23 ياشلىق ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 10 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 55 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىندى. شاھىتلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن غەززە رايونىنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur