UYGUR TV

07/08/2022 ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلدى

Günün Önemli Haberleri ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇرۇلدى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن بوب مېنېندېز ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان شەخس ھەم ئورگانلارنى جازالاش دائىرىسنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە، يېڭى بىر قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى. تەيۋەن: خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش تەقلىدى قىلدى خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشمەكتە. خىتاينىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچ كەلگەن تەيۋەن خىتاي ئارمىيىسىنى شەنبە كۈنى تەيۋەننىڭ ئاساسلىق ئارىلىغا قارىتا ھۇجۇم تەقلىد قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن باشلىغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئىككىنچى كۈنى 49 ھەربىي ئايروپىلاننىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ چېگرىسى بولغان «ئوتتۇرا سىزىق» تىن ئۆتۈپ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي ۋىرۇسى چەكلىمىسى سەۋەبىدىن 80 مىڭ ساياھەتچى قاپسىلىپ قالدى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى ئارامگاھ شەھىرى سەنيادا خىتاي ۋىرۇسى چەكلىمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 80 مىڭ ساياھەتچىنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. تۆمۈر يول تارماقلىرى شەھەردىكى بارلىق بېلەت سېتىشنى چەكلىگەن بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندا 5-ئاۋغۇست كۈنى كىرگىچە بولغان 24 سائەت ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى يوق يېڭى يۇقۇمداردىن 27 ئادەم كۆپەيگەن. تەيۋەن دۆلەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىنىڭ مەسئۇلى مېھمانخانىدا قازا قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتى بىلەن باشلانغان كرىزىس داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەننىڭ مۇھىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىنىڭ مەسئۇلى بولغان 57 ياشلىق ئوۋ ياڭ لىشىڭ بىر مېھمانخانىدا قازا قىلغان. ئامېرىكا، خىتاي ۋە تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئوۋ ياڭ لى شىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى گۇمان قوزغىدى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆلگۈچىنىڭ يۈرەك كېسىلى بارلىقىنى، ئىلگىرى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئامېرىكىنىڭ خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى خاتىرىلەندى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ شەھەردىكى تىنچلىق ئابىدىسىدە خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى ئەمەس، بەلكى ئۆلۈم ۋە پالاكەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدا فۇمىئو سۆزىدە دۇنيانىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ تەھدىتىگە يەنىلا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. #haber #gündem #Turkey #news#uygur #uyghur#xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news#uygur #uyghur#xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur