UYGUR TV

1/2/2023 كانادا باش منستىرى جاستىن تېرۇدۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى مودېرنىست شائىر ۋە يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى بىرقانچە يىلدىن بېرى خەلقئاارا ئاخباراتلاردا خەۋەر قىلىنغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى شىۋىىتسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ سۈرگۈندىكى ياكى تۈرمىدىكى يازغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تۇخولىسكى مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلىدىن بۇيان شائىرنىڭ جازا مۇددىتى، جازا ئۆتەۋاتقان لاگېرى ۋە نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىق ئۇنىڭغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتتىن سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇتقۇندىكى يازغۇچى-شائىرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، پەرھات تۇرسۇننىڭ ئاتۇشتىكى ئاغۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. كانادا باش منستىرى جاستىن تېرۇدۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى كانادا باش منستىرى جاستىن تېرۇدۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى. 30-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ باشلىقى مەمەت توختى قاتارلىقلار كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدۇ، كانادا قاتناش مىنىستىرى ئۆمەر ئالگابرا ۋە پارلامىنىت ئەزاسى سامىر زۇبەير قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشنىڭ بىلدۇرشچە، گىرمانىيە ۋە ئامېرىكىدىن كاناداغا بارغان ھەيئەت -كانادا ھۆكۈمەت ۋە پارلامىنت ھەيئەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ فېۋرال ئېييدا پارلامىنتتا ئاۋازغا قويۇلىدىغان م-60 ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش لايىھسنى ماقۇللاشقا دەۋەت قىلغان. پارلامىنىت ئەزاسى سامىر زۇبەير پارلامېنتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. چېخ بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تەيۋەن جىددىيلىكى ھەپتە ئاخىرىدا چېخدا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغان پېتېر پاۋېلنىڭ خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى توقۇنۇشىدا تۇرۇۋاتقان تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىك پەيدا قىلدى. خىتاي پاۋىلنىڭ تەيۋەن رەھبىرى بىلەن تېلېفونلىشىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى. پاكىستاندىكى مەسچىت ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر يۈزدىن ئاشتى پاكىستاننىڭ خەيبېر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە پىشىن ۋاقتىدا يۈز بەرگەن مەسچىتتە ئۆزىنى قوشۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە كەم دېگەندە 100 ئادەم قازا قىلدى، 170 ئادەم يارىلاندى. پاكىستان ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى ئون يىلدىكى ئەڭ قانلىق ھۇجۇمدا يارىلانغان 170 كىشىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستاننىڭ خەيبېر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە بىر كېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 51 كە يەتتى. گوللاندىيە مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ روسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشىنى خالىمايدۇ گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتىكى تېخنىكا شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ ۋاسىتىچى ئۈچىنچى شىركەتلەرنىڭ روسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. NOS ئاممىۋى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوللاندىيە تېخنىكا شىركىتى NXP ۋە Nexperia غا تەۋە مىكرو ئۆزەكلەر خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئېكسپورت قىلىنىپ، روسىيە قورال-ياراغ شىركەتلىرىگە سېتىلىدۇ. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «يۇقۇم ئاخىرلاشتى» دېگەن قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا كوۋىد -19 يەنى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى پارتىلاش سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنغان «دۆلەت دەرىجىلىك جىددىي ھالەت» نىڭ دەرھال ئاخىرلىشىشى تەشەببۇس قىلىنغان «يۇقۇم ئاخىرلاشتى» ناملىق قانۇن لايىھىسى ماقۇللاندى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur