UYGUR TV

1/5/2024 ئەنگىلىيە رىۋانداغا قانۇنسىز كۆچمەن ئەۋەتىشكە باشلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» دىرامىسى تۈركىيەدە ئالقىشقا ئېرىشتى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىنىڭ يېزىلغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دىراماتورگ ئەكرەم ئەخمەتوفنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق ئەسىرىنى 24-ئاپرېل تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە قويدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ مەشھۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى ۋە قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ تارىخى بايان قىلىنغان سەھنە ئەسىرى تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. مەزكۇر ئۇيغۇر تىياتىر ئۆمىكى تۈركسوي يەنى خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر تەشكىلاتى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، تىياتىرنى ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى ئىدارە جەمئىيەت مەسئۇللىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، كۆپ ساندا كىشى كۆردى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قانۇن لايىھەسى» تونۇشتۇرۇلدى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى» تۈزۈپ چىققان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» نىڭ بىرلەشمە رەئىسلىرىدۇر. خەلقئارا سوت مەھكىمىسى گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشنى توختىتىش تەلىپىنى رەت قىلدى خەلقئارا ئەدلىيە سوتى نىكاراگۇئانىڭ گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ۋە باشقا ياردەملەرنى توختىتىشىنى ۋە ب د ت نىڭ غەززەدىكى ياردەم ئورگىنىغا مەبلەغنى قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئەرزىنى رەت قىلدى. ب د ت يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 1 گە قارشى 15 بېلەت بىلەن بۇ تەلەپنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ خىل بۇيرۇقنى چىقىرىشنىڭ قانۇنىي شەرتلىرىنىڭ ھازىرلانمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە، سوت بۇ دېلونى پۈتۈنلەي رەت قىلماي تۇرۇپ، گېرمانىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى دەپ ئەيىبلىگەن نىكاراگۇئانىڭ ئەرزىنىڭ ئاساسى توغرىسىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ تالاش-تارتىشلىرىنى داۋاملىق ئاڭلايدۇ. بۇنىڭغا بىر قانچە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. گاگاۋۇز رەھبىرى رۇسىيەدىن مەبلەغ يۆتكەش بىلەن ئەيىبلەنگەن روسىيەدىن مەبلەغ يۆتكەش بىلەن ئەيىبلەنگەن گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى گۇتسۇل مولدوۋادىكى سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشقا باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، روسىيەنى قوللايدىغان بىر پارتىيىگە مەبلەغ يۆتكەش بىلەن ئەيىبلەنگەن گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى يېۋگېنىيا گۇتسۇل مولدوۋادا سوتقا چىققان. ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، گۇتسۇل مولدوۋادا ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن سودىگەر ئىلان شور قۇرغان روسىيەنى قوللايدىغان «شور» پارتىيىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن دوكلات قىلىنمىغان مەبلەغنى يۆتكەشتە رول ئوينىغان. ئەنگىلىيە رىۋانداغا قانۇنسىز كۆچمەن ئەۋەتىشكە باشلىدى ئەنگىلىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ رىۋانداغا سۈرگۈن قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان تالاش-تارتىشلىق قانۇننى ماقۇللاپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، تۇنجى پاناھلىق تىلىگۈچىنى بۇ شەرقىي ئافرىقا دۆلىتىگە ئەۋەتكەن. دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش «ئىختىيارىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش پروگراممىسى» دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. باش مىنىستىر رىشى سۇناك باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يىل ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى ئاساسلىق ئۆكتىچى ئىشچىلار پارتىيىسىگە قارشى ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلىماقچى بولغان. كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىدىكى غەززە لاگېرى ساقچىلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇلدى نيۇ-يورك ساقچى ئىدارىسى ئالاھىدە قىسىملىرى نيۇ-يوركتىكى كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتى مەكتەپ رايونىغا يېتىپ كېلىپ، تارىخى خامىلتون زالىدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشىنى داۋاملاشتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئالدى. بىر مەزگىل ئىلگىرى كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان غەززە ئىتتىپاقلىق لاگېرى ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur