UYGUR TV

11/05/2022 لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان «لاگېر قۇربانلىرى مۇنبىرى» ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھارپىسىدا مەزكۇر كومىتېتقا ۋە مۇناسىۋەتلىك ب د ت ئورگانلىرىغا سۇنۇلغان ئىلتىماس ۋە قانۇنىي باسقۇچلار ھەققىدە ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت مۇشۇ ئايدا خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ. 10-ماي سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا، ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم ۋە لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ب د ت غا سۇنۇلغان تەلەپلەر ۋە قانۇنىي باسقۇچلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا 15 كېلىشىم ئىمزالاندى ئەنقەرەگە زىيارەتكە كەلگەن قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېف تۈركىيە رەئىسى ئەردوغان تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 15 كېلىشىم ئىمزالاندى. ئەردوغان بىلەن توقايېف كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيە ۋە قازاقىستاننىڭ سودا مىقدارىغا قارىتا، ئەردوغان: «بىز بىرلىكتە باسقان قەدەملەر بىلەن 10 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. شاڭخەيدىكى چېكىدىن ئاشقان خىتاي ۋىرۇسى تەدبىرلىرى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى شاڭخەيدە ساقچىلارنىڭ بىر ئايالنى مەجبۇرىي سۆرەپ كارانتىنغا ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈشلىرى توردا كەڭ تارقالدى. توردا تارقالغان كۆرۈنۈشلەردە، ئۇ ئايالنىڭ بالىسى ئانىسىنى ساقچىلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان بولسىمۇ لېكىن كۈچى يەتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇرمۇش قىيىنلاشقان شەھەردە باشقا بىر ئايالنىڭ خىزمەت تاپالمىغاچقا تېلېفون پونكىتىدا بىر ئاي تۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سويلۇ: 6 مىڭ 787 ئۇيغۇر تۈركىيە گراژدانى بولدى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ئېلېكترونلۇق پاسپورت، ئېلېكترونلۇق كۆك كارتا ۋە ئېلېكترونلۇق شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تەشۋىق قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغاندا تۈركىيە گراژدانلىقىغا ئۆتكەن چەتئەللىكلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىقامىتى يوقتى، بەزىلىرى تۈركىيە گراژدانى ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەتكە ئايلاندۇردۇق. 6 مىڭ 787 ئۇيغۇر تۈركىيە گرژدانلىقىغا ئۆتتى، 2000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ پۇقرالىق رەسمىيەتلىرى داۋاملاشماقتا» دېدى. سويلۇ 101 مىڭ 995 نەپەر ئاھسىكا تۈركلىرىنىڭمۇ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. سويلۇ يەنە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشكەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانىنىڭ 200 مىڭ 950 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. گرېتسىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 4 مىليارد ياۋرولۇق مەبلەغ سېلىش فوندى تەسىس قىلىدۇ گرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىتسوتاكىسنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 4 مىليارد ياۋرولۇق بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش فوندى تەسىس قىلىش قارار قىلىندى. ۋەلىئەھدى شەيخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان بىلەن مىتسوتاكىسنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئاساسلىقى ئېنېرگىيە، تېخنىكا ۋە ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردە توققۇز كېلىشىم ئىمزالاندى. لىتۋا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلدى لىتۋا پارلامېنتى روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشنى بىردەك قارار قىلدى. ئۆزبېكىستاندا «ياۋروئاسىيا -2022 خەلقئارا ئالەم تېخنىكىسى تېخنىكىسى يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى ياۋروئاسىيا -2022 خەلقئارا ئالەم تېخنىكىسى يىغىنى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى. ئۆزبېكىستان ئالەم تەتقىقات ئورنى «ئۆزبەك كوسموس» ئۇيۇشتۇرغان يىغىنغا 30 غا يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ۋە ئەمەلدار قاتناشتى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur