UYGUR TV

12/05/2022 خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دائىرىلىرىنى ئالاھىدە تەقدىرلىدى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى گۇمانلىق بىر نۇقتا خىتاينىڭ راكېتالىق بومبا قويۇپ بېرىش ئورنى دەپ پەرەز قىلىنماقتا گوگول خەرىتىسىنى كۆزەتكۈچىلەر چەرچەن ناھىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېقىن بىر جايىدا گۇمانلىق بىر نۇقتىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا تاشلاندۇق زاۋۇتلارغا ئوخشايدىغان بىنا ئىزلىرى كۆرۈلگەن. گوگول خەرىتىسىدىن كۆرۈنگەن بۇ گۇمانلىق نۇقتىنىڭ راكېتالىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئورنى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دائىرىلىرىنى ئالاھىدە تەقدىرلىدى ىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىغان بىر قىسىم ساقچى دائىرىلىرى ۋە ساقچىلارنى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى دائىرىلىرىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 8-تارماق ئەترىتىنىڭ 1-چوڭ ئەترىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز كوللېكتىپ ۋە 24 ساقچىنى ئالاھىدە تەقدىرلىگەن. ياپونىيە كۈچىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئارمىيەسىنى كۈچەيتىدۇ خىتاينىڭ رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك رولى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا، ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىش ھەمكارلىق مۇساپىسىنى تېزلەتمەكتە. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبۇ ئالدىنقى ھەپتە بەشبۇرجەكلىك بىنادا ئامېرىكا مۇداپىيە مىنىستىرى ئوستىن بىلەن خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. تەرەپلەر ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىنى تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشكە قوشۇلدى. بايدىن: ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ دېھقانچىلىق ئېكسپورتى قىزىل رەقىمىنى تولدۇرالايدۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن دۇنيادىكى مۇھىم يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ يېزا-ئىگىلىك ئېكسپورتى قىزىل رەقىمىنى تولدۇرالايدۇ» دېدى. بايدىن ئىللىنوئىس شىتاتىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىنى زىيارەت قىلغاندا دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى. بايدېن ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىشىغا قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئۇرۇش دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم يېمەكلىك مەنبەسىنى ئۈزدى» دېدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبىرى ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلدى ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇنبىرى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۆزبەكىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى نۆۋەتچى رەئىسلىك يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاممىۋى دىپلوماتىيە - ئۆز-ئارا چۈشىنىش» تېمىسىدىكى مۇنبەرگە روسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. روسىيەنىڭ تاشقى پىروۋوت زاپىسى 593 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالدى 4-ئايدا روسىيەنىڭ تاشقى پىروۋوت زاپىسى 593 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ، ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا 13 مىليارد 300 مىليون دوللار ئازايدى. غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن روسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ خەلقئارا زاپىسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى توڭلاتتى. ئەلجەزىرەنىڭ ئايال مۇخبىرى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى قاتارغا جايلاشقان ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئايال مۇخبىرى شىرىن ئەبۇ ئاكىلې ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېننىن مۇساپىرلار لاگېرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur