UYGUR TV

13/05/2022 دوكلات: خىتاي تەيۋەننى ئىشغال قىلىدۇ

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ب د ت ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن ئىلگىرى «يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» ئىلان قىلىنغان ئىگىلىنىشچە، خىتاي دائىرىلىرى ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن ئىلگىرى «يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» تارقىتىپ، پۈتكۈل خەلقنى «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا سۆزلىمەسلىككە ۋە «تېلېفوننى چەتئەلدىن كەلگەن تېلېفونغا تاقاشقا» بۇيرۇغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت مايدا خىتايغا بارىدىغانلىقى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا توشۇش سالمىقىنى ئاشۇرماقتا خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس پورتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ياۋروپاغا توشۇيدىغان پويىز لىنىيەسىنى 60قا يەتكۈزگەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل قورغاس پورتىدا ياۋروپاغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن تۆتى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن قورغاس پورتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپاغا توشۇيدىغان پويىز لىنىيەسى 60قا يەتكەن. دوكلات: خىتاي تەيۋەننى ئىشغال قىلىدۇ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگىنى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ قوللانماستىن تەيۋەننى ئىشغال قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما تەيۋەننى يۇتىۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىل بۇرنس ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كاتتىۋېشى شىنىڭ تەيۋەننى كونترول قىلىش ئىرادىسى ئۆزگەرمىدى، ئەمما ئۇلار بۇ ئىشنىڭ قانداق ۋە قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارماقتا». خىتايدا 122 ئادەمنى ئېلىپ ماڭغان يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇش جەريانىدا ئوت كەتكەن خىتاينىڭ غەربىدىكى چۇڭچىڭ شەھىرىدە، تىبەت ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى چۇڭچىڭ-نيەنچى سەپىرىگە چىقىش ئۈچۈن ئۇچۇۋاتقاندا ئوت كەتكەن. ئۇچۇش يولىدىن ئايرىلغان ئايروپىلاندىن 113 يولۇچى ۋە 9 خادىم تارقاقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېنىك يارىلانغان 40 نەچچە يولۇچى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن. خىتاي شەرقىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ «5735» ناملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 21-مارت گۇاڭشى ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋوكۇ شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن بولقۇپ، ئايروپىلاندىكى 123 يولۇچى ۋە 9 ئايروپىلان خادىمى ھادىسىدە قازا قىلغان. ئاقساراي شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدۇ ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى ئەگەر شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قوشۇلماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتايدا ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىكى كرىزىس داۋاملاشماقتا خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى سۇناك 742 مىليون دوللارلىق زايومنىڭ تۆلەش مۇددىتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولۇپ، كىرىزىسنىڭ بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭ بىلەن، خىتاي ئۆي-مۈلۈك كەسپىدىن يەنە بىر شىركەت زور سوممىلىق قەرز پاتقىقىغا پاتقان شىركەتلەر قاتارىغا قوشۇلدى. G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى باشلاندى گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەدىن تەركىب تاپقان G7 دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى گېرمانىيەدە باشلاندى. ئۇكرائىنا ۋە مولداۋىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ 14-مايغىچە داۋاملىشىدىغان G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur