UYGUR TV

15/05/2022 ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى تەييارلىق گۇرۇپپىسى بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەپسەنچىلىكىگە قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قورقۇنچلۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ ھوقۇقى ۋە بايلىق مەنبەسىنى ئىشلىتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ مەسىلىنىڭ باشقا دۆلەتلەر، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى ۋە خۇسۇسى شىركەتلەر بىلەن بولغان يىغىنلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن. دوكلاتتا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى تۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ھوقۇقى ۋە بايلىق مەنبەسىنى تولۇق قوللىنىدۇ» دېيىلگەن. ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى تەييارلىق گۇرۇپپىسى بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى 10-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەت كۈتۈۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بۇ زىيارەت داۋامىدا، شەرقىي تۈركىستاننىمۇ زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لىز تىروسېل رويتېرس ئاگېنتلىقىغا يوللىغان ئېلخەتتە: كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ئالدىن تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ گۇاڭجۇغا يېتىپ بارغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن يۇقۇم تەدبىرى سۈپىتىدە ئايرىپ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى، ئالدىن تەييارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ بەش كىشىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لجيەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، لېكىن تەكشۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى دۇنيا خىتاي ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى بوشىتىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي «نۆل يۇقۇملانغۇچى» سىياسىتى بىلەن قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا. خىتاي دۆلەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا چەتئەلگە چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، پاسپورت ۋە ساياھەت ھۆججەتلىرىنىڭ تەستىقلىنىشىدا تەپسىلىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي 2023-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ساھىپخانلىق قىلىشتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ «نۆل يۇقۇملانغۇچى» ئىستراتېگىيىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ياپونىيە خىتاي ئاۋىئاماتكىسىنىڭ پائالىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ياپونىيە باش شتابىنىڭ باشلىقى يامازاكى كوجى دۆلىتىگە يېقىن جايدا سەپەر قىلىۋاتقان خىتاي ئاۋىئاماتكىسىدىكى ئايروپىلانلارنىڭ قونۇش ۋە ئۇچۇش پائالىيەتلىرىنىڭ «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىدى. «لياۋنىڭ ئاۋىئاماتكىسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بۇ رايوندا قالدى» دەپ كۆرسەتكەن يامازاكى: «بىز ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە تەيۋەنگە يېقىن جايلاردا كېتىۋاتقان خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پائالىيىتىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىمىز» دېدى. ھىندىستان بۇغداي ئېكسپورتىنى چەكلىدى ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇغداي ئېكسپورتىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قاراپ چەكلىدى. بۇغداي ئېكىسپورتىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ھىندىستان رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. روسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئاشلىق ئامبىرى دەپ ئاتالغان ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمى بۇغداينىڭ باھاسىنى 14 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەخمىنەن 40 مىليون توننا ئاشلىقنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئامبارلىرىدا ئېكىسپورت قىلىشنى ساقلاۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. شەيخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولدى ئەبۇزەبى شاھزادىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىپ، ئالدىنقى كۈنى قازا قىلغان پرېزىدېنتى شەيخ خەلىفە بىن زەيىد ئەل نەھياننىڭ ئورنىنى ئالدى. قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى تۈركىيە ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلدى قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى بولات ئاكچۇلاكوف تۈركىيەنىڭ مەرسىن شەھىرىدە قۇرۇلۇۋاتقان ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىنى زىيارەت قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur