UYGUR TV

19/4/2024 شىۋىتسارىيە بانكىسى خىتايدىكى فوندلىرىنى قىسقارتقان

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتاي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ياشلىرىنى «خىتاي مەدەنىيىتى» بويىچە تەربىيلەيدىكەن خىتاي ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا «خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇش باھار پەسىللىك لاگېر پائالىيىتى» گە ئورۇنلاشتۇرغان. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، «خىتاي تىلى كۆۋرۈكى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ لاگېرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىران قاتارلىق 8 دۆلەتتىن كەلگەن 500 گە يېقىن ياش قاتناشقان ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ پائالىيەت خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئېچىلغان. بالىلار 15 كۈنلۈك لاگېر جەريانىدا خىتاي تىلى ئۆگىنىدىكەن ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن چوڭقۇر تونۇشىدىكەن. سۈرەتلىك خەۋەردە، بۇ ياشلارنىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىۋاتقان، موي قەلەم بىلەن مەسنەۋى يېزىشنى ئۆگىنىۋاتقان ۋە خىتايچە سەنئەت نومۇرلىرى كۆرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلغان. ماركو رۇبىيو ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ «تېمۇ» ۋە «شىيىن» ناملىق پارچە سېتىش تور بەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان. سېناتور ماركو رۇبىيو 16-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاسقا خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ «شېيىن» ۋە «تېمۇ» تور بەتلىرىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ خېتىدە، «نۇرغۇن خۇسۇسىي ئورگانلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ ‹شېيىن› بىلەن ‹تېمۇ› نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ياسالغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر قايىل قىلارلىق پاكىتلارنى بايقىغانلىقى» نى ئەسكەرتكەن. ئۇ، «مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› بويىچە چەكلىنىدىغان شىركەتلەر تىزىملىكىگە يېڭى ئورۇنلارنى قوشىدىغان ۋاقتى كەلدى، » دەپ تەكىتلىگەن. «خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاككېرلار ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتمەكتە» ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي: «خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاككېرلار ئامېرىكىنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى ساقلاۋاتىدۇ» دېدى. «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋراي ئامېرىكىنىڭ ۋاندېربىلت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پروگراممىدا سۆز قىلدى. ۋراي مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاككېرلار ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئامېرىكىنىڭ سۇ بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، ئېلېكتر لىنىيىسى، قاتناش ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق پەيتنى ساقلاۋاتىدۇ». ئالما ھۆكۈمەت بۇيرۇقى بىلەن خىتايدىكى دۇكىنىدىن ۋاتساپنى چۈشۈرىۋېتىدۇ ئالما شىركىتى خىتايدىكى ئەڭ يۇقىرى ئىنتېرنېت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، بۈگۈن ۋاتساپ قاتارلىق ئەپلىرىنى خىتايدىكى ئالما ئەپ بازىرى App Store دىن ئۆچۈرۈۋەتكەن. «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۆكۈمەت بۇ كۆرسەتمىنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى تىلغا ئالغان. شىۋىتسارىيە بانكىسى خىتايدىكى فوندلىرىنى قىسقارتقان شىۋىتسارىيەدىكى UBS بانكىسى خىتايدىكى خىزمەتچىلىرىنى قىسقارتىشنى قارار قىلغان. ئىگىلىنىشچە، بانكا يەنە خىتايدىكى ئالاھىدە فوند ئورۇنلىرىنى تاقاشنى قارار قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار ئۈچ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، UBS نىڭ شەخسىي فوند باشقۇرۇش ئورنى 2016-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان 19 مەبلەغدىن 17 پاي ۋە زايوم شەخسىي مەبلىغىنى تاقايدۇ ۋە پۇلنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا قايتۇرىدۇ. خىتاينىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرى چۆكۈشكە باشلىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز سۈرئەتتە شەھەرلىشىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سۇنىڭ تارتىلىشى دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ چۆكۈپ كېتىپ، دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ كەلكۈن خەۋىپىگە دۇچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، 1920-يىللاردا شاڭخەي ۋە تيەنجىندە يىمىرىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولۇپ، شاڭخەينىڭ ئۆتكەن ئەسىردە 3 مېتىردىن ئارتۇق چۆكۈپ كەتكەنلىكى بايقالغان. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur