UYGUR TV

2/2/2023 يامغۇر ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تۇرمۇشقا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى 2023-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا رەسمىي باشلاندى. 31-يانۋار كۈنى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولدى. سۆزلىگۈچىلەر ئىچىدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتىتى رەئىسى نۇرىي تۈركەل، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس، ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى تەتقىقاتچىسى جەۋھەر ئىلھام ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پروگرامما يېتەكچىسى ئارسلان ھىدايەت قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. بىر ئۇيغۇر قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ سېنات ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى زاكىرجان قۇزىيېف قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ سېنات ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-جومارت توقايېفنىڭ پەرمانىغا بېنائەن، قازاقىستان پارلامېنتى سېناتىنىڭ يېڭى ئەزالىرى تەيىنلەنگەن ۋە سايلاپ چىقىلغان. پرېزىدېنت توقايېف تەرىپىدىن قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسىدىن بەلگىلىگەن سېنات ئەزالىرى ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى زاكىرجان قۇزىيېفمۇ بار. قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ سېنات ئەزالىقىغا ئۇيغۇر ۋەكىلىنىڭ بەلگىلىنىشى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا، بولۇپمۇ مەتبۇئات ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىماقتا. خىتاي ئامېرىكىنى «بىتەرەپلىمە قاراشتىن ۋاز كېچىشكە» چاقىردى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا بېيجىڭغا قىلىدىغان زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋاشىنگتوننى خىتاي ھەققىدىكى بىتەرەپلىمە قاراشلاردىن ۋاز كېچىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا چاقىردى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نەشرىيات ئورگىنى بولغان «خەلق گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ئوبزور ماقالىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر پەرقىنىڭ مۇناسىۋەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ئىگىلىنىشىچە، بىلىنكېن 5 يىلدىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولىدۇ. ئاخىرقى قېتىم سابىق مىنىستىر مايك پومپېيو 2018-يىلى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان. خىتاي شەھەرلىرى «يوشۇرۇن قەرز» پاتقىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۈچ يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلغان قاتتىق يۇقۇمنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى ۋە خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك ھادىسىسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەزىنىسىنى قۇرۇقداپ قويغان. خىتايدىكى بەزى شەھەرلەر نۆۋەتتە خەلقنىڭ ئاساسلىق ئىھتىياجى بولغان مۇلازىمەتلەرنى تەمىلەشتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشكەن. ئىگىلىنىشىچە، شىمالدىكى خېبېي ئۆلكىسىدە مىڭلىغان كىشى تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن نويابىر ۋە دېكابىر ئايلىرىنى سوغۇقتا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. تەيۋەن: تەۋەلىكىمىزدە خىتاينىڭ 9 پاراخوت ۋە 34 ئايروپىلاننى بايقىدۇق تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەيۋەن ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە 9 ئۇرۇش پاراخوتى ۋە 34 ئايروپىلاننى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۇرۇش پاراخۇتى ۋە جەڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ چېخنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى پېتېر پاۋىل تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېىن بىلەن تېلېفونلاشقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشى دىققەت تارتتى. يامغۇر ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى تۇرمۇشقا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىگىلىنىشىچە، قاتتىق يامغۇر، شامال ۋە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى مىسىر، ئىئوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، كۇۋەيت ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردە قاتناش، سەھىيە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur