UYGUR TV

22/4/2024 مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى، يەنى 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ ئالىي ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، تونۇلغان زىيالىيلار، ئۆلىمالار ۋە د ئۇ ق نىڭ سابىق رەھبەرلىرى سىن كۆرۈنۈشلۈك تەبرىك يوللاپ، د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلىدىغان د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇلجېلىل قاراقاش بۇ تېمىدا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بولغان تەبرىكلىرىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان قىلغان قىممەتلىك خىزمەتلىرىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. قۇرۇلتاي داۋاملىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ساداسى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا دىققەت قىلىشقا ۋە قوللاشقا چاقىردى. بۇ مۇھىم تارىخىي كۈندە، مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك كۈرەش ۋە ئىتتىپاقلىققا ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. ئېمما رايلى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ب د ت دىكى «خەتەرلىك تەسىرى» نى ئاشكارىلىدى ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى باشلىقىغا پارا بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاينىڭ دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەر ۋە باشقىلارنىڭ ئىسمىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ۋە پاش قىلغۇچى ئېمما رايلى ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى پارلامېنت تەرىپىدىن يازما شەكىلدە ئېلان قىلىنغان. يەتتە دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئىگە يەتتە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىتالىيەنىڭ كاپرى ئارىلىدا كۆرۈشتى. 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىقنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىدى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىگىلىنىشىچە، مىنىستىرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خوڭكوڭدىكى «كۆپ خىللىقنىڭ ناچارلىشىشى» نى تىلغا ئالدى. مىنىستىرلار يەنە خىتاينى دېموكراتىك ئورگانلارغا ۋە جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى توختىتىشقا چاقىردى. مالدىۋېدىكى سايلامدا خىتايپەرەس مۇھەممەد مۇيزۇ غەلبە قىلغان تاراتقۇلار ئېلان قىلغان تۇنجى نەتىجىگە قارىغاندا، ھەپتە ئاخىرىدا مالدىۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا خىتاينى ياقلايدىغان پرېزىدېنت مۇھەممەد مىزۇنىڭ خەلق مىللىي مەجلىسى پارتىيىسى غەلبە قىلغان. ھازىرقى پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇيزۇ سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن «خىتاينى قوللايدىغان» دەپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنىلا ھىندىستاندىن ئەسكەرلىرىنى ئارالدىن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. روسىيە: ئامېرىكا ئۇكرائىنادا ۋېيتنامغا ئوخشاش ئۈمىدسىزلىككە ئۇچرايدۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى شەنبە كۈنى ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان 95 مىليارد دوللارلىق قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىغان ئىدى. روسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنادا «ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۇكرائىنالىقنىڭمۇ ئۇرۇش قىلىشىنى» خالايدىغانلىقى ئېنىق، دېدى. زاخاروۋا يەنە مۇنداق دېدى: «ۋاشىنگىتوننىڭ روسىيەگە قارشى ئارىلاشما ئۇرۇشقا كۈنسېرى چوڭقۇر ئارىلىشىشى ۋېيتنام ۋە ئافغانىستانغا ئوخشاش نومۇسلۇق بىر خىيالغا ئايلىنىدۇ». #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur