UYGUR TV

25/4/2024 يېڭى دوكلات: شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يەنىلا ئېغىر

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر يېڭى دوكلات: شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يەنىلا ئېغىر خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا: «ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكارلىققا تارتىش كەمچىل بولماقتا». دوكلاتقا قارىغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلدىكى دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توختىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرنى يولغا قويۇشتا ئىلگىرىلەش بولغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىت تاپالمىغان. خىتاي بېيجىڭدا يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ 21-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ سارىيى»نىڭ مۇقام زالىدا ئاتالمىش «شىنجاڭغا ئالاقىدار پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا 49 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 21 باش ئەلچىسى ۋە 50 نەچچە دىپلوماتى قاتناشقان. يىغىنغا خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېن شياۋدۇڭ قاتارلىقلار قاتناشقان. يىغىندا قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرۇپ: «شىنجاڭ تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتلەندۈرۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، كۆپ خىل دىنلار ئىناق تەرەققىي قىلماقتا» دېگەن. قىرغىزىستاندىن كېيىن قازاقىستاندا تىكتوك چەكلىنىشى مۇمكىن خىتاينىڭ جاسۇسلۇق دېتالى تىكتوك قىرغىزىستاندىن كېيىن قازاقىستاندىمۇچەكلىنىشى مۇمكىن. قازاقىستان ئۇچۇر مىنىستىرلىكى بۇ ئىشنىڭ ھازىر قاراپ چىقىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. مىنىستىر ئايدا بالايېۋا تىكتوكتىكى قانۇنسىز مەزمۇنلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتتى. قازاقىستاندىكى تىكتوكنىڭ چەكلىنىشى بالىلارنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. مىنىستىر ئايدا بالايېۋانىڭ ئېيتىشىچە، قوشنا دۆلەتلەر تىكتوكتىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار بۇ مەسىلىنى باھالاشقا باشلىغان. قىرغىزىستاندا تېلېگراف تەمىنلىگۈچىلەر 18-ئاپرېلدىن باشلاپ تىكتوك مۇلازىمىتىنى قامال قىلىشقا باشلىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن خىتايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىر ئانتونىي بىلىنكېن رەسمىي زىيارەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتاينىڭ شەرقىدىكى شاڭخەي شەھىرىگە بارغان. ئايرودرومدا دائىرىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان بىلىنكېن شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە سودا دۇنياسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئىگىلىنىشىچە، بىلىنكېن ئەتە بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدۇ. بىلىنكېننىڭ ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈشىدىكى ئاساسلىق قارالمىلار خىتاينىڭ روسىيەنى قوللىشى بولىدىكەن. بىلىنكېن يەنە ئوتتۇرا شەرق كرىزىسى، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، جەنۇبىي دېڭىزدىكى مەسىلىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. گېرمانىيە پرېزىدېنتى ستەينمېيېر تۈركىيە-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى گېرمانىيە پرېزىدېنتى فرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر ئەنقەرەدە تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. گېرمانىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن ۋە مول تارىخنى ئاساس قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ستېينمېيېر: «دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىمىز باشلانغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا تۈركىيەگە كېلىشىم مەن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى. ستەينمېيېر يەنە: «گېرمانىيەنىڭ دۇنيادىكى باشقا ھېچ قانداق بىر دۆلەت بىلەن تۈركىيەگە ئوخشاش بۇنداق قويۇق دوستلۇق ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتى يوق» دېدى. خىتايدىكى نۇرغۇن شەھەرلەر قاتتىق يامغۇردىن كېيىن كەلكۈن ئاستىدا قالدى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن جۇجياڭ دەرياسى بويىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا كەلكۈن يۈز بەردى. ئىگىلىنىشىچە، ئۆلكىدىكى 24 دەريانىڭ سۇ ئورنى يامغۇر سەۋەبىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كەتتى. خىتاي تاراتقۇلىرى تۆت كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 11 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. دائىرىلەر كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كەم دېگەندە 110 مىڭ ئادەمنى ئۆيلىرىدىن تارقاقلاشتۇرغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، 4 مىليون نوپۇسلۇق جوڭيۈەن شەھىرىدە، ئاھالىلەر تېخىمۇ ئېغىر ئاپەتلەردىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur