UYGUR TV

26/11/2022 ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر ئۆيلىرىگە قامالغان خەلق ئوتتا كۆيۈپ قازا قىلدى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا 24-نويابىر پەيشەنبە كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. بۇ رايوننىڭ ئۈچ ئايدىن بۇيان خىتاي ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن قامال قىلىنىشى ۋە دائىرىلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشكە ۋاقتىدا تۇتۇش قىلماسلىقى سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. ئوت ئاپىتى خەلقئارا چوڭ بازارغا يېقىن جايدىكى جىشياڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاھالىلەر كۆپ ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوت بىنانىڭ 15-قەۋىتىدىن باشلاپ، 17-قەۋىتىگىچە يامرىغان، ئىس تۈتەكلەر 21-قەۋەتكىچە ئۆرلەپ چىققان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى ئۆلۈپ توققۇز كىشى يارىلانغان. ئوت تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئۆچۈرۈلگەن. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بولسا ئۆلگەن كىشى سانىنىڭ 40 تىن كۆپ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە، بىر ئۇيغۇر ئانا ۋە تۆت مەسۇم پەرزەنتىنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي دائىرىلىرى ئوت ئاپىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇر تارقىتىشنى چەكلىدى. بىر كىشىنىڭ يالغان ئۇچۇر تارقاتقان دەپ 10 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشقان ئاتالمىش كارانتىنا ۋە ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلىرىگە نارازى بولغان خەلق كوچىلارغا تۆكۈلدى. خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان سىنلاردا، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرى ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش قىلىۋاتقانلىقى، نۇرغۇن ساقچىنىڭ بولسا ئۇلارنى توسۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بەزى جايلاردىن ئوق ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلاندى. توردا ئىلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بىر ۋىدېئودا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن ئاۋازلار ئاڭلانغان. لېكىن بۇ ۋىدېئولارنىڭ قايەردە ياكى قاچان تارتىلغانلىقى تېخى دەلىللەنمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىستانبۇلد يۈزلىگەن ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ پەريادىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن كېچىدە سۇلتان ئەخمەت مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلاغا يىغىلدى. كانادا ساقچىلىرى «خىتاي ساقچى پونكىتلىرى»نى تەكشۈرۈشكە باشلىدى رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادا ساقچى تەرەپ «خىتاي ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ تورونتونىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ئامېرىكا ۋە گوللاندىيەدىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېيىن خىتاي ساقچى مەركەزلىرىگە قارىتا ھەرىكەت باشلىغان يەنە بىر دۆلەت بولغان. باش شىتابى ياۋروپاغا جايلاشقان «قوغدىغۇچىلار» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ يىل 9-ئايدا بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ئون چوڭ شەھىرىدە خىتاينىڭ «ساقچى پونكىتلىرى» نىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەنگلىيەدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىتاي كامېرالىرىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىندى ئەنگىلىيەدە ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىنىڭ «سەزگۈر رايونلىرى»غا خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان بىخەتەرلىك كامېراسى ئورنىتىشنى توختىتىش ھەققىدە قارار چىقىرىلدى. بۇ قەدەم ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ خىتاي ۋە ئۇنىڭ شىركەتلىرىگە تېخىمۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تاشلاندى. ئىگىلىنىشچە، 67 پارلامېنت ئەزاسى 7-ئايدا لوندوننى خىتاينىڭ نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلەشكە چاقىرغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئىككى شىركەت تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. تېسلا خىتايدا سېتىلغان 67 مىڭ 698 ماشىنىنى قايتۇرىۋالىدۇ ئامېرىكا توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىسى تېسلا ئىشلەپچىقىرىشتىكى كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىخەتەرلىك خەۋىپى سەۋەبىدىن خىتايغا ئېكسپورت قىلىنغان 67 مىڭ 698 دانە «Model S» ۋە «Model X» ماركىلىق ئېلېكترونلۇق ماشىنىلارنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur