UYGUR TV

26/4/2024 ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەمەلدالىرى كۆرۈشتى

كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى گىن ئەۋرىشكىلىرىنى يىغقان خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلغان ئەڭ زور قاباھەتلەرنىڭ بىرى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. يېقىنقى يىللاردا تېزدىن يامراۋاتقان بۇ خىلدىكى قىلمىشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىك ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان ئورگان ئەتكەسچىلىكى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى يەنە بىر قېتىم تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ قوشما رەئىسلىرىدىن كرىستوفېر سىمىس، ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنىڭ ھازىر خىتايدا كەڭ تارقىلىۋاتقان ۋە سىستېمىلاشقان قەبىھلىككە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى شۇنچە چوڭ مەسىلىلەرگە بېرىپ چېتىلىدىغان بۇ قەدەر قەبىھلىككە تېخىچە يېتەرلىك دىققەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. ماساچۇسېست تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى غول ھۈجەيرە تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورى مايسەم مۇتەللىپوۋا مۇشۇ مەسىلە بويىچە مەخسۇس گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ زور بولغان گېن ئەۋرىشكە (DNA) سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بەرپا قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا كۆپلىگەن بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرى ھەمدەمدە بولغان. چۈنكى شەخسلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى توپلانغاندا ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئاسانلىشىدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانى رېكورت ياراتقان ئىشغالىيەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانىدا بۇ يىل يېڭى رېكورت يارىتىلغان. خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ 21-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىلى خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاتالمىش «غەربىي رايون پىلانى بويىچە پىدائىيلارنى قوبۇل قىلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كەلگەن ئاققۇنلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل، مەزكۇر تۈر يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولغان. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يېڭى قوللانمىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشكە پايدىلىق «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان مەخسۇس ئورگىنى. يېقىندا بۇ ئورگان ئۆزىنىڭ يېتەكچى قوللانمىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭدا تۇنجى قېتىم دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇقۇمىغا ئېنىقلىما بېرىلگەن. دوكتور ئادرىيان زېنز بۇ يېڭى قوللانمىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەمەلدالىرى كۆرۈشتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادتىن تېخنىكىغىچە بولغان تالاش-تارتىشلار مۇزاكىرە قىلىنغان. يىغىندىن كېيىن، ۋاڭ يى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى پاسسىپ ئامىللارنىڭ يەنىلا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىلىنكېن خىتاي زىيارىتىنىڭ بېشىدا شاڭخەيدىكى ئالاقىسى جەريانىدا بەرگەن ئۇچۇرلىرىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا سىياسىتى ۋە ئەمەلىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى گەۋدىلەندۈردى. توقايېف كەلكۈن سەۋەبىدىن بەزى يېزىلارنى كۆچۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم توقايېف كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن سەۋەبىدىن بەزى يېزىلارنىڭ كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. توقايېف يەنە سۇلار چېكىنگەندىن كېيىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇشنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى بېكىتىشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مارتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، قازاقىستاننىڭ 10 رايونىدىكى ئولتۇراق رايونلار كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. توقايېف كەلكۈننى 80 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئاپەت دەپ تەسۋىرلىدى. ئامېرىكا ئۇكرائىناغا يىراق مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەۋەتتى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۇكرائىناغا ئۇزۇن مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان چارشەنبە كۈنى مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا مەنزىلى 300 كىلومىتىر بولغان تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى دەپ ئاتالغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىشكە باشلىدى ۋە ئالدىنقى ھەپتە بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىشغال قىلىنغان باشقا رايوندىكى روسىيە ھەربىي ئايرودرومىنى بومباردىمان قىلدى. #haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur#haber #gündem #Turkey #news #uygur #uyghur #xerkiturkistan #sherkiturkistan #turkistan #turk #uygurturk #uyghurhewer #hewer #hawar #uygurhewer #уйғур #uyghursot #sot #uyghurtribunal #londonsot #refkatuyghur